-
2010-12-11قانغۇچە كۈلىۋېلىڭ - [mtvفىلىم]
-
-
2010-11-30mtv گەپ بولۇپتۇ
-
2010-11-30 ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەرجىمىھالى
ئۇيغۇرمەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتىرلىق ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى قايىل قىلارلىق ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇرئالىم.تالانتلىق ئەدىب،تۆھپىكار مائارىپچى، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28- كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشىھەدكە تۇتاش باغئېرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن دىنىي تەربىيىنى قىسقا مۇددەت ئالغاندىن كېيىن 1950- يىلىغىچە نەزەر-باغدىكى قەشقەردارىلمۇئەللىمىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدا 4يىل ئوقۇغان. 1950-يىلى غەربى شىمال ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. يىغىندىن كىيىن شىئەن،بېيجىڭ،تىيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە ئىكىسكۇرسىيىدە بولغان ۋە شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ بىئو- خىميە فاكۇلتپتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1952-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەكتەپنىڭ ئۆزىگە تەخسىم قىلىنغان. شۇيىلى جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. مەكتەپتە بىر تەرەپتىن ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر پاتالوگىيىسى،ھاشاراتشۇناسلىق قاتارلىق دەرىسلەرگە تەرجىمان ئوقۇتقۇچى بولغان.يەنە بىر تەرەپتىن فىزىكا،ماتپماتىكا، بىئولوگىيە، خىمىيە ۋە ئاگرانومىيە سىنىپلىرىغا ماركسىزم ئاساسلىرى پەلسەپە دەرىسلىرىنى ئۆتىگەن.1953- يىلى ئۇ شىئەندىكى غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماركسىزم ئاسپىرانتورىيىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ بىريىل بىلىم ئاشۇرغان.ئاسپىرانتورىيىنى پۈتتۈرۈپ ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كەلگەندىن كپيىن ماركسىزم كافىدىراسىدا پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بىر نەچچە خىل دەرىس ئۆتكەن ۋە بۇ دەرىسلەرنىڭ دەرىسلىكىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئىقتىدارلىق ياش ئوقۇتقۇچى 1955- يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى(ئۇيغۇرچە نەشرى)نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان.ئۇنىڭ تەتقىقات ھاياتى ئەنە شۇ يىللاردا رەسمىي باشلانغان.ئۇنىڭ ئىككى تىلدا يازغان ئۇيغۇرخەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى ناملىق ئىلمىي ماقالىسى 1956-يىلى مەزكۇر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ خەنزۇچە ھەم ئۇيغۇرچە سانىدا ئېلان قىلىنغان.بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا قۇتادغۇبىلىك ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى تۇنجى ئىلمىي تەتقىقات ئىدى. ئۇ مۇشۇ ماقالىسى سەۋەبىدىن20يىل ئوڭچى قالپىقى كىيگەن.1959- يىلى ئۇ پارتىيىدىن خىزمىتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ،ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن.1961-يىلى ئۇ ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىدىن قويۇۋىتىلگەن.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن1966- يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغانغا قەدەر تۆت يىل جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسىدا نازارەت ئاستىدا ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئىلىمخۇمار ئالىم جۇڭگۇنىڭ مەشھۇر كلاسسىك ئەسەرلىرى بولغان ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆرنەكلىرىنى، 24تارىخنى، ئەنگلىيە دراماتورگى شپكسپىرنىڭ 36 سەھنە ئەسىرىنى، ھىندىستاننىڭ رامانايا،ماخاپىراتا داستانلىرىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشىر قىلىنغان 15توملۇق(32كىتاب) دۇنيا تارىخىنى، ئومۇمىي تاڭ نەزمىلىرىنى, بايرۇننىڭ دون جۇئان داستانىنى،ھومېرنىڭ ئىللادا ۋە ئودپسسا داستانلىرىنى، يۇنان ۋە رىمنىڭ ئەپسانە – رىۋايەتلىرىنى، قۇرئان كەرىم، ئىنجىل ۋە تەۋراتنىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىلىرنى، ئەپلاتۇن، ئارستوتىل ئەسەرلىرىنى، دانتىنىڭ تەڭرى كومىدىيىسى داستانىنى، گومورو ۋە تيەنخەننىڭ تارىخى درامىلىرىنى، ماركىس ئىنگىلىس ئەسەرلىرىنى، نەۋائى، بابۇر، مەشرەپ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئۈگەنگەن. ئۇ بۇجەرياندا 30 نەچچە خاتىرە دەپتەرنى ئۆگىنىش خاتىرىسى بىلەن تولدۇرغان.ئۇ مۇشۇ يىللاردا «قارلىق تاغ شەجەرىسى» ناملىق داستان ۋە «سۇمۇرغلار قوشىقى»،«قەدىمكى يىپەك يولى»،«خەن ئوردىسىداباھار»،«مەلىكە خۇارۇڭ»،«تەڭرىتاغ ناخشىسى»،«دات باسماس قىلىچ»،«پىلە مەلىكىسى» قاتارلىق يەتتە پارچە تارىخىي دراما يپزىپ چىققان.جاۋاھىرۇل ھاقايىق دېگەن ماۋزۇدا قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا(بۇ كىتاب1995-يىلىنىڭ بېشىدا 4 -قىتىم تۈزىتىلگەندە ئالىم قەدىمكى تۇران تارىخى دەپ ئاتىغان) ناملىق كىتابنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان. يەنە بارماق ۋەزىنلىك بىر تۈركۈم مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى يىزىپ چىققان. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە ئىزدىنىش ۋە ئىجاد قىلىش روھى كۈچلۇك بۇ ئالىم ناھەقچىلىق قاپلىغان ئاشۇ ئەنسىز يىللاردا پارچە - پارچە يازغان 500 پارچىدىن ئارتۇق رۇبائىيسىنى رەتلىگەن. سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى ( بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى تۇنجى نەسىرلەر توپلىمى) ناملىق لېرىك نەسىرلەر توپلىمىنى تولۇق تاماملىغان. 1978- يىلى پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كپيىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن سىياسىي جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان ھەم خاتا ئوڭچى قىلىنغان دېگەن خۇلاسە بىلەن ئاقلانغان ۋە 1980 -يىل ئۇ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ ئومۇمىي ئىستىتىكا دەرسىنى تەسىس قىلىپ ئۆتۈشكە كىرىشكەن . شۇنىڭدىن كپيىن ئۇنىڭ كىتاب، ماقالە، رۇبائىي، شىئر-غەزەللىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1986- يىلى ئۇ ياپۇنىيىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇپ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يىتۈك قامۇسى- «قۇتادغۇبىلىك» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن. 1980-يىللاردا ئۇنىڭ200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى،«ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ھەققىدە»، «شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا- ئۇسۇل سەنئىتى»، «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستىمىسى»، «ئومۇمىي ئىستېتىكا»،«چوغلۇق»، «رۇبائىيات(1)»،«رۇبائىيات(2)»، «قارلىق تاغ شەجەرىسى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە 1980- يىللاردىن كېيىن ئېلان قىلىنغان « روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى»، «ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار»، «ئارىفنامە»، «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»، « يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت» قاتارلىق بىر قاتار ئىسىل ماقالىلىرى ۋە «سىكتاي- ساك- ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم- كىچەك مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق»، «ئۇيغۇر ئەجدادلىرىدا مەي مەدەنىيىتى»، «ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋەكېيىنكى غەربىي يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخىي ئۇچۇرى»،« ئەلىشىر نەۋائىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى»، «ئون ئىككى مۇقام ۋە نەۋائىخانلىق ئەنئەنىسى»، «نورۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا»، «ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقىي تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى» قاتارلىق كۆپلىگەن ئىجتىمائىي مۇلاھىزە ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى ئىجتىمائىي ھاياتىمىزنى چۈشىنىشىشتە ۋە مەدەنىيەت تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشتا يېڭى يول ئېچىپ بەردى. ھەقىقەتەنمۇ بۇ مۇنەۋۋەر ئالىمنىڭ ئاشۇ يىللاردا يازغان ۋە تۈزەتكەن «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، «غەربىي يۇرت تاشكىمىر سەنئىتى»، «قۇتادغۇبىلىك خەزىنىسى»، «ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»، «سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى» قاتارلىق كاتتا ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بىر- بىرلەپ نەشىر قىلىندى. «بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە»، «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش»، «سوغدىلار ۋە ئۇنىڭ ئېتنىك ۋارىسلىرى توغرىسىدا»، «چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى» قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالىسىمۇ گېزىت - ژۇرناللاردا ئىلان قىلىندى. بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇرتارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىغا يىپيىڭى تۈس قوشقان ئىدى.ئەپسۇسكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى، تالانتلىق ئەدىپى، تۆھپىكار باغۋىنى، مول مىۋىلىك پروفىپسورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئۆزنىڭ بىر تالاي يازمىلىرىنى، گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرىنى خەلقىگە قالدۇرۇپ، 1995-يىلى2-ئاينىڭ 27-كۈنى زىققا كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىشى سەۋەبى بىلەن62يېشىدا بۇئالەم بىلەن خەيىرلەشتى.
مەنبە : << شىنجاڭ مەدەنىيىتى >> ژورنىلى -
2010-11-30روسيەدە بايقالغان ئۇيغۇر خان ئوردىسى
چېلخوركۆلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى قورغىنى بولۇپ بۇقورغانغا نۇرغۇن سىرلار يوشۇرۇنغاچقائىزچىل ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ مۇنازىرىسىنى قوزغاپ كەلگەن . كۆل سۈيى سۇس يېشىل رەڭدە بولۇپ، لېكىن كۆلگە نەزەرسالغىنىڭىزدا كۆل سۈيى قېنىق رەڭدە كۆرنىدۇ بۇخىل ھادىسنىڭ سەۋەبى كىشلەرگە سىر بولۇپ تۇرماقتا .2007-يىل 8-ئاينىڭ 13-كۈنى روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن موناكو پادىشاھى ئالبېر 2-گە ھەمرا بولۇپ روسىيەدىكى تۇۋائاپتونۇم جومھۇرىيىتىنىڭ پايتەختىدىكى قىزىل ئايرۇدورۇمىغا قونغاندىن كېىن تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ چېلخور كۆلىگە بارغان چۈنكى ئۇيەردە بورباجىن ئۇيغۇرقەدىمىي قورغىنى خارابىسى قېزىلىۋاتاتتى .خەۋەردەئېيتىلىشىچەبورباجىن قورغىنى 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ياسالغانكەن . بورباجىن دېگەن سۆز خام خشلىق ئۆي دېگەن مەنىدە ئىكەن . قورغان چېلخور كۆلىىدىكى بىرئارالغا جايلاشقان بولۇپ تۇۋاجۇمۇرىيەت مەركىزى قىزىلنىڭ شەرقى جەنوبىغا 250كىلومېتېر كىلىدىكەن .بۇقورغان 1891-يىل روسيەلىك مەشھۇر شەرقشۇناس ئالىم دىمتىر تەرپىدىن بايقالغان بولۇپ، قورغان 1995-يىل روسيە تەرىپىدىن دۆلەتلىك قوغدىلىغان تارىخى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.بۇخەۋەرئىتايىن زوردەرجىىدە كىشلەرنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىغان بولۇپ بۇ ھەقتە روسيە ئاخبارات ۋاستىلىرىى قورغان خارابىلىكىنى قېزىپ تەكشۈرۈش ئەترىتنىڭ 600نەپەر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن تەشكىللەنگەن غايەت زور ئەترەت بولۇپ روسيە تارىخىدىكى ئەڭ زور ئارخلوگىيلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى ئىكەنلىكى ھەتتا روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭمۇ ئۇشتۇمتۇت زىيارەت قىلغانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم خەۋەر بەرگەن .بورباجىن دا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قورغىنى بولىدۇ؟جۇڭگولۇق ئۇيغۇر لار نىڭ قەدىمى قورغىنى روسيەگە قېچېپ بېرۋالغانمىدۇ؟ناۋادا بۇ راس بولسا نېمەئۈچۈن كۆلدىكى يىگانە ئارالغا قورغان سالىدۇ ؟بۇقورغاندىكىلەر كېيىن نېمەسەۋەبتىن غايىپ بولغان ؟دېگەندەك بىر قاتار سوئاللار تېخى ئېنىق جاۋاپ بېرىشىنى كۈتۈپ تۇر ماقتا . چېلخور كۆلىدىكى قورغان توغىرىسىدا روسىيىە تورى مۇنداق خەۋەر بەرگەن .بۇقورغاننى كۆكتۈرۈك خانلىقىنىڭ (خەنزۇچىدا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دەپ ئېلىنغان )2-خا قانى مويۇنچۇر 8-ئەسىردە سالدۇرغان بۇلۇپ مويۇنچۇر مىلادى 750-يىلى ئەسكەر باشلاپ تۇۋانى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قورغان سالدۇرغان ،قورغاننىڭ قوروتاملىرىنىڭ ئېگىزلىكى 10مېتېر ئەتراپىدا بولۇپ قورغانىنىڭ مەركىزى تۇرا ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ شاھ تۇرىدىغان ئورۇن ئىكەن .قۇرغاننى سالغۇچىلار تۈمەنلىگەن كېسەكلەرنى يۆتكەپ كېلىپ قورغاننى سالغان ئىكەن.قورغاننىڭ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بۇلۇپ ئىچى نەچچىلگەن تۆت چاسا ھويلىدىن تەركىپ تاپقان موكەممەل بىرسىرلىق قۇرلۇش توپى ئىكەن شەكلى ھىندىستان ئۇسلۇبىدىكى بۇددا ئىمارەتلىرىگە ئوخشايدىكەن . ئەينى چاغلاردا بۇيەردىكى قۇمچاق دەرياۋادىسىدا 17يۈرۈش قورغان بولغان بولۇپ بورباجىن قورغىنىنىڭ تۈزۈلۈشى بۇقورغانلارغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بولۇپ قورغاننىڭ لايھىلىنىشى سوغدى مەدەنىيتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىكەن .بۇقورغاننىڭ لايھىلەپ سېلىنىشغا سوغدىلارنىڭ قاتناشقانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن . سوغدىلارئەينى دەۋىردە يايلاق مىللەتلرىنىڭ سودا سېتىق ئىشلىرىنى قىلغان كىشلەردۇر.كىشلەر ھازىر بۇقورغاننى پادىشاھنىڭ يازلىق ئوردىسى دەپ قارىماقتا .بۇقورغاننى سېلىشىتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر خانىدانىلىقىنىڭ پايتەختى قارا بالاخاسۈن (خەنزۇچىدا ka la ba la ha sunدەپ ئاپتۇ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى مەن مۇ بىلمەيدىكەنمەن )دا بولۇپ بۇخارابە ھازىر موڭغۇلىيە جومھورىيتى چىگرىسى ئىچىدە بولۇپ بورباجىن قورغىنىغا ئىككى كۈنلۈك يول ئىكەن (بەلكىم ئاتلىق يول بولسا كېرەك ). 1891-يىلدىن باشلاپ دې.ئا.كېلېمىزى قارابالاخاسۈن نى تەتقىق قىلغان بولۇپ بورباجىن قورغىنى 100پىرسەنت كۆك تۈرۈك ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ ئوردىسىنىڭ لايھىلىنىشىگە تەقلىد قىلىنغانكەن . بۇنوختىنى 100يىل ئىلگىرىلا ئالىملار ئىنتايىن ئېنىق ھالدا شەرھىلىگەن .مويۇنچۇر مەڭگۈ تېىشىغا يېزىلغان خاتىرىگە ئاساسلانغاندا ئەينى دەۋىردە ئۇيغۇر خاندانلىقى غەرىبتە ئالتاي تاغلىرىدىن باشلىنىپ جەنۇبتا تەكلىماكان قۇملۇقىغىچە شەرقتە خېلۇڭجىياڭ ،نېنجىياڭ دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان غايەت زور زېمىنغا خوجا بولغان .چېلخور كۆلى ۋە بورباجىن قورغنىمۇ دەل موشۇ زېمىنىنڭ ئىچىدە بولۇپ ، ئۇيغۇر خاقانىنىڭ بۇيەردە خان ئوردىسى سېلىشى ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن . شۇڭلاشقا روس ئالىمىلىرىنىڭ بۇقورغاننى ئۇيغۇرلارنىڭ قورغىنى دەپ ئاتىشى خاتا بولمىسا كېرەك .بۇقورغان خارابىلىكىنى قېزىش خىزمىتى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاياغلىشىدىغان بولۇپ بۇقورغان توغرىسىدا ئاشكارلانغان خەۋەرلەر تېخى كۆپ ئەمەس ئەمما روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى بىر پارچە رەسىمنى ئاشكارلىغان بولۇپ بۇبىر پارچەمەڭگۈ تاشنىڭ رەسىمى بولۇپ مەڭگۈ تاشقا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا خەتلەر ئويۇلغانكەن .ئەمما نېمە مەزمۇن ئىكەنلىكى تېخى ئاشكارلانمىغاچقا بۇھەقتىكى خەۋەرلەرنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ .روسىيىدىكى تۇۋالار توغرىسىدا : تۇۋالارنىڭ ئاتا بوۋىسى بىر تارمىقى تېلى (ئۇيغۇر)-تۈرۈك،يەنەبىر تارمىقى سىيانپى -موڭغۇللاردۇر .تۇۋا تىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى تۈرۈك تىلى گۇرۇپىپىسنىڭ شەرقى ھون تارمىقىدىكى ئۇيغۇر تىل گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇرتۈرۈك تارمىقىغا تەۋە ئىكەن . -
2010-11-30جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
شائىرمەن قىلمىغاچ يالغانغا ھەۋەس،
سۆزلەيمەن ھەق گەپنى يالغاننى ئەمەس ،
بىر ئوت بار يالقۇنى قەلبىمدە پەۋەس ،
شۇ ئوتنى ئۆلچىشى ئەتتى مىنى مەس ،
مەسلىكتە دەۋالاي لىكىن مەن پەخەس،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس .
ئالەمنىڭ ئابادى دىھقان تەرىدىن ،
... -
2010-10-31ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى - [خەۋەرلە]
-
ئەرلەرنىڭ گۈزەل قىزلارغا قارىشى ئۇلارنىڭ تۇغما ئىنكاسى بولۇشىدىن باشقا يەنە مۇنداق بىر پايدىلىق تەرىپى بار. ئەنگىلىيە مەلۇم بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئەرلەر كۈندە نەچچە مىنۇت گۈزەل قىزلارغا قارىسا ئۆمرى 4-5 يىلغىچە ئۇزۇن بولىدىكەن.
ئەنگىلىيە مەلۇم تەتقىقات ئورنى 5 يىل سەرىپ قىلىپ 200 نەپەر ئەرگە سىناق ئېلىپ بارغان. بۇلار كۈندە گۈزەل قىزلارغا قاراپ بەرگەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ قان بىسىمى تۆۋەنلەپ، تومۇر سوقىشى نىسبەتەن ئاستا بولغان، بۇنداق بولغاندا ئۆمرىنى 4-5 يىلغىچە ئۇزارتقىلى بولىدىكەن. ئەرلەر ئەدەپ بىلەن چىرايلىق قىزلارغا قاراپ بەرسە، يەنى كۈندە 10 مىنۇت داۋاملاشتۇرسا، ئۇ خۇددى گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانغاندەك ھىس قىلىپ،30مىنۇت تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغاندەك ئۈنۈمگە ئىرىشىدىكەن.
گەرچە ئەرلەر تۇيۇقىسىز گۈزەل بىر قىزنى ئۇچىرىتىپ قالسا جىددىلىشىپ، يۈزلىرى قىزىرىپ پۇت قوللىرى كالاڭلىشىپ كەتسىمۇ، لىكىن بۇ خىل ھالەت داۋاملاشسا تەبىئى ھالدا كەيپىيات ئۆزىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ تۇراقلىشىدىكەن. ھەم ھەرخىل يۈەك قان تومۇر كىسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى تۆۋەنلەيدىكەن.
ئەسلى ماقالە مەنبەسى:ئۇيغۇرشاھ بىلوگى
بۇ ماقالە كۆلتېكىن بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى : http://koltekin.blogbus.com/logs/66768026.html
-
2010-10-30 يۇسۇپ (ئەلەيھىسسالام)نىي ئەسلەش - [قىزىقارلىق]
يۇسۇپ (ئەلەيھىسسالام)نىي ئەسلەش
يۇسۇفنى ئەسلەش
يۇسۇف تىكىلمەكتە قېرىنداشلىرىغاسۆيگۈنىڭ ئىمكانلىرىدا .سەبرنىڭ ئېتەكلىرىدە -
2010-10-26ئامېرىكىلىق «كېكىركچى» قىزچاق ئادەم ئۆلتۈردى - [خەۋەرلە]
-
2006-يىلى، تاڭ Xنىڭ ئايالى لىيۇ X بىر بىنادا ئولتۇرۇشلۇق جېڭ X بىلەن بىر تاللا بازىرىدا بىللە ئىشلەيتتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىككىسى ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشۈپ قالغان، ئاندىن باشقا مۇناسىۋەتلەرمۇ تەرەققى قىلغان. 2010-يىلى، تاڭ X ئايالى بىلەن... -
ھىم،بىرىنچى دەرىجىلىك تورنامى بولمىش‹‹.com,.net››لارنىڭ باھاسى ئۆسكەندىن كىيىن،دۆلەت-ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن توربەت ھەۋەسكارلىرى تېخىمۇ ئەرزان ھەمدە مۇقىم بولغان بىرىنچى دەرىجىلىك تور ... -
2010-10-23ساختا مۆجىزىلەر دىنىمىزنى بۇلغىماقتا - [قىزىقارلىق]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ...مېنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۇرۇپ بىلىشىمچە يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بۇيان مەلۇم قارا كۈچ دىنى ئىتىقاتى ئاجىز ۋە دىنى بىلىمى سۇز ئويغۇرلار ئىچىگە بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرى قىلماقتا بۇنىىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىدەك :
1.ئا... -
1.ئامىرىكا خارۋارد ئۇنۋېرستىتى
2.ئامىرىكا يىئىل ئۇنۋىېرستىتى
3.ئەنگىليە كامبىرىچ ئۇنۋېرستىتى
4.ئەنگىليە ئوكسغۇرد ئۇنۋېرستىتى
5.ئامىرىكا كالفۇرنىيە تەبىئىي پەنلەر ئۇنۋېرستىتى
6.ئەنگىليە لوندون ئېمپىرىيە ئنستۇتى
7.ئەنگىلىيە لوندون ئۇنۋېرست ئنس... -
نەﭘﺮﻩﺕ ﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﯘﭼﯩﻼﺭ
2001- ﻳﯩﻠﻰ 1- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1- ﻛﯜﻧﻰ
ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﮬﺎﯞﺍﻧﯩﯔ ﺳﻮﻏﯘﻗﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻣﯩﻐﯩﻠﺪﺍﻳﺘﺘﻰ.
ﮔﯚﮬﻪﺭ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﭼﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﭼﯜﺷﯜﭖ ...