-
2010-10-26خوتۇنىنى باشقىلار بىلەن تۇتىۋېلىپ، پۇل ئارقىلىق ھەل قىلىش - [قىزىقارلىق]
2006-يىلى، تاڭ Xنىڭ ئايالى لىيۇ X بىر بىنادا ئولتۇرۇشلۇق جېڭ X بىلەن بىر تاللا بازىرىدا بىللە ئىشلەيتتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىككىسى ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشۈپ قالغان، ئاندىن باشقا مۇناسىۋەتلەرمۇ تەرەققى قىلغان. 2010-يىلى، تاڭ X ئايالى بىلەن جېڭ Xنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال ئەمەسىلىكىنى بايقاپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئايالىنىڭ ئىزىغا چۈشۈشكە باشلىغان.4-ئاينىڭ9-كۈنى، تاڭ X ئۆيگە قايتىپ كېلىۋاتقاندا خوتۇنىنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغا يوشۇرۇن ئەگىشىۋالغان، ئايالى ئۇدۇل بىر مىھمانخانىغا كىرىپ كەتكەن، سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئايالى كىرىپ كەتكەن ياتاقنى جېڭ ئەپەندىنىڭ ئاچقانلىقى مەلۇم بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاتتىق ئاچچىقلىنىپ،ياتاقنىڭ ئىشىكىنى تېپىپ كىرىپ، ئايالى بىلەن جېڭ Xنىڭ قىپيالىڭاچ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، تېلېفۇن بىلەن سىنغا ئېلىۋالغان، كىيىن ئۇ دوستلىرى بىلەن جېڭ Xنى بىر ئاشخانىغا ئەكىرىۋالغان. ئاشخانىدا، تاڭ X ساقچىغا مەلۇم قىلىۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن جېڭ Xنىڭ تېلېفۇنىنى چېقىۋەتكەن. سنئالغۇ خاتىرىسىنى تورغا چىقىرىۋېتىمەن، ئايالىڭغا كۆرسىتىمەن، ئۆيۈڭدىكىلەرنى بىر نىمە قىلىۋېتىمەن دىگەندەك گەپلەر بىلەن جېڭ Xنىڭ 49 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئېلىۋالغان، يەنە ئۇنىڭغا تەھتېد سېلىپ 50 مىڭ يۈەنلىك قەرىز ھۆججىتى يازغۇزىۋالغان. بىر نەچچە كۈندىن كىيىن، تاڭ X يەنە يوقىرىقىدەك ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ جېڭ Xنىڭ 3000 يۈەن پۇلىنى ئېلىۋالغان،ئۆزىنىڭ خوتۇنىغا ئاناڭنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن دەپ قورقۇتۇپ ، پىچاق بىلەن قولىنى تىلىۋەتكەن. جېڭ X تاڭ Xنىڭ لىيۇ Xنى يارلاندۇرۇشىدىن ئەنسىرەپ، ھەم ئۆزىدىن داۋاملىق پۇل سورىشىدىن ئەنسىرەپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان.
收藏到:Del.icio.us