2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى: ئاممىباب 2016-نۇسخا شالاڭ
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 884 قىتىم
سۇمرۇغ ئاپتوموبىل خەۋىرى بۈگۈن ئېچىلغان 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، ئاممىباب تەرەپ رەسمىي تۈردە يېڭى نۇسخا شالاڭنى ئېلان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى نۇسخا ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى شەكلىنى ﻫازىرقى نۇسخا ئاپتوموبىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان، ئىچكى زىننەتلىشى تەڭشەلگەن بولۇپ شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەپلىمىلەر قوشۇلغان.

سىرتقى شەكلى جەﻫەتتىن، يېڭى نۇسخا شالاڭدا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان، قۇيرۇق چىرىغىنى پەن-تېخنىكا تۇيغۇسىغا تولغان LED يورۇقلۇق مەنبەسىگە ئۆزگەرتكەن. كۇدا قىسمىنىمۇ قايتىدىن لايىﻬەلىگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، يېڭى ئاپتوموبىلغا يەنە يېڭى رەڭ قوشۇلغان، مېتاللىق كۆك ۋە مېتاللىق قىزىلدىن ئىبارەت ئىككى رەڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىچكى زىننەتلىشى جەﻫەتتىن، يېڭى شالاڭنىڭ ئىچكى زىننەتلىشى ئازراق تەڭشەلگەن. رول لىندۇ قاتارلىق ئاپتوموبىللاردىكى ئۈچ لىمىت شەكىلنى قوللانغان، مەركىزىي كونترول سۇپىسىغا ئۆلچىمى تېخىمۇ چوڭ بولغان كۆرسىتىش ئېكرانى قوللىنىلغان. ئىككى تەرەپتىكى كونترول كۇنۇپكىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلىمۇ ئازراق تەڭشەلگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، ئىستىمالچىلار يەنە بەش ديۇملۇق سىزىمچان ئېكران ياكى 6.5 ديۇملۇق يول باشلاش سېستىمىسىنى تاللاپ سەپلىسە بولىدۇ. شالاڭغا يەنە يېڭى ئۇچۇر كۆڭۈل ئېچىش سېستىمىسى سەپلەنگەن، ئالما CarPlay ۋە گۇگۇل Android Auto سېستىمىسىنى قوللايدۇ. سەپلىمە جەﻫەتتىن، بىخەتەرلىك جەﻫەتتىكى سەپلىمىلىرىنى تاللاپ سەپلەش قوشۇلغان، ئاپتوماتىك ماسلىشىدىغان چارلاش، يولدىكى قوشۇمچە ياردەم ۋە قارغۇ نۇقتىنى نازارەت قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، شەﻫەر رايونىدا جىددىي تورمۇزلاش سېستىمىسى، ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل توختىتىش بىلەن ئۈچىنچى ئەۋلاد ئاپتوماتىك توختىتىش قاتارلىق ئىقتىدارى بار.

ﻫەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەﻫەتتىن، ئاممىباب يېڭى شالاڭغا 1.4TSI ۋە 2.0TSI ئىككى نۇسخا پىرقىرغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتۇر سەپلىنىدۇ، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى ئايرىم-ئايرىم ﻫالدا 110kW ۋە 162kW؛ ئۇنىڭدىن سىرت، دېزىل مېيى ماتۇرى 1.6TDI ۋە 2.0TDI نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئايلانما كۈچ جەﻫەتتىن، ئىستىمالچىلار ئالتە خوتلىق قولدا خوت ئۆزگەرتىدىغان ياكى ئالتە خوتلۇق قوش موفتىلىق سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقىنى تاللاپ سەپلىسە بولىدۇ.