guide
2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى: ئاۋدى Prologue Avant
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
812 قىتىم
  سۇمرۇغ ئاپتوموبىل خەۋىرى بۈگۈن ئېچىلغان 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، ئاۋدى تەرەپ رەسمىي تۈردە Prologue Avant ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلدى. مەلۇم بولىشىچە، يېڭى ئاپتوموبىلغا بىر يۈرۈش توكقا تىقىش شەكىلدىكى بىرىكمە ﻫەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى سەپلەنگەن ئىكەن.



  ئاۋدى Prologue Avant ئۇقۇم ئاپتوموبىلى ئەڭ يېڭى ئائىلىۋىي شەكىلدىكى ئالتە قىرلىق چوڭ ئېغىز شەكلىنى قوللانغان، ئالدى چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسى لازىر نۇرلۇق چوڭ چىراغ تېخنىكىسىنى قوللانغاندىن سىرت، ئالدى بىخەتەرلىك لىمىنىڭ ئىككى تەرىپىگە سەپلەنگەن ﻫاۋا كىرىش ئېغىزى ئۇنىڭ بىر پۈتۈن شەكلىنى قارىماققا تېخىمۇ جانلىق كۆرسەتكەن. قۇيرۇق قىسمىدا بولسا، يېڭى ئاپتوموبىل ﻫازىر مودا بولىۋاتقان بىر پۈتۈن شەكىلدىكى قۇيرۇق چىراغ لايىﻬەسىنى قوللانغان.




  يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى زىننەتلەش لايىﻬەسى ئىخچام ﻫەم پەن-تېخنىكا تۇيغۇسىغا تولغان، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئىشلىتىلگەن پرىبورلار دېسكىسى ۋە سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكراننىڭ ﻫەممىسى OLED تېخنىكىسىنى قوللانغان، مەركىزىي كونتىرول قىلىش سۇپىسى رايونى سىزىمچان لايىﻬەگە ئەڭ يېڭى ئېلىكتىرونلۇق خوت يۆتكەش دەستىسى ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يېڭى ئاپتوموبىل قارىماققا تېخىمۇ ﻫەشەمەتلىك كۆرۈنىدۇ.


  يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى، ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ﻫالدا 5110*1970*1400 مىللىمېتىر، ئاپتوموبىلنىڭ ئوق ئارىلىقى 3040mm غا بارغان. ﻫەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى جەﻫەتتىن، ئاۋدى Prologue Avant ئۇقۇم ئاپتوموبىلىغا بىر يۈرۈش توكقا تىقىش شەكىلدىكى بىرىكمە ﻫەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى سەپلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر 3.0TDI ماتور ۋە توكلۇق ماتور گۇرۇپپىسىدىن تۈزۈلگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 456 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومىنتى 750n.m، سائىتىگە 100 كىلومېتىرغا چىقىشى ئۈچۈن 5.1 سىكۇنت كېتىدۇ.