2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى: يېڭى نۇسخا تۇلپار1 سېستىمىسى ئېلان قىلىندى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 411 قىتىم
سۇمرۇغ ئاپتوموبىل خەۋىرى بۈگۈن ئېچىلغان 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، تۇلپار تەرەپ رەسمىي تۈردە يېڭى نۇسخا 1 سېستىمىسىدىكى پىكاپنى ئېلان قىلدى. مەلۇم بولىشىچە، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ دۆلەت ئىچىگە كىرىشىدە ئۈمىد بار ئىكەن.

يېڭى ئاپتوموبىل ﻫازىرقى نۇسخا ئاپتوموبىلنىڭ لايىﻬەلەش ئۇسلۇبىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە تەپسىلاتلىرىنى ئازراق ئۆزگەرتكەن، چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆلچىمىنى كونا نۇسخا ئاپتوموبىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا سەل كىچىك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە LED يورۇقلۇق مەنبەسى بولغان بەلگە خارەكتىرلىك چوڭ پەرىشتە كۆزى يۇغۇرۇلغان. قۇيرۇق قىسمىغا كەلسەك، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ قۇيرۇق قىسمى L شەكىللىك لايىﻬەنى قوللانغان، ئىچكى قىسمىغا يەنە LED نۇرى يۇغىرىلغان.

يېڭى نۇسخا 1 سېستىمىسى ئاساسىي جەﻫەتتىن كونا نۇسخا ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى لايىﻬەسىنى داۋاملاشتۇرغان، بۇ قېتىمقى يېڭى نۇسخا ئاپتوموبىلنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆرلىشى ئاساسلىقى سەپلىمە جەﻫەتتىن بولغان. يېڭى ئاپتوموبىلغا ئايرىم-ئايرىم ﻫالدا iDrive سېستىمىسى، ئاكتىپ چارلاپ كونتىرول قىلىش سېستىمىسى، ماتۇرنى قوزغىتىپ توختىتىش، تۇلپارنىڭ يىراقتىن مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى قاتارلىق سەپلىمىلەر سەپلەنگەن.

ﻫەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسىغا كەلسەك، يېڭى نۇسخا تۇلپار 1 سېستىمىسى كۆپ خىل ئوخشىمىغان ﻫەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسىنى كۆپچىلىكنىڭ تاللىشى ئۈچۈن تەمىنلەيدۇ، بېنزىنلىق ﻫەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەﻫەتتىن 120i ،125i ۋە M135i xDrive نىڭدىن ئىبارەت ئۈچ نۇسخا ئاپتوموبىل چىقىرىلغان. ئايلانما كۈچ جەﻫەتتىن، ماتۇر بىلەن ماسلاشتۇرۇلغىنى ئالتە سۈرئەتلىك قولدا ئۆزگەرتىدىغان سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ياكى سەككىز سۈرئەتلىك قول ۋە ئاپتوماتلىشىش بىرلەشكەن سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى. ئۇنىڭدىن سىرت، قىسمەن ئاپتوموبىللارغا تۆت چاقتا قوزغىلىش سېستىمىسىنى تاللاپ سەپلىسە بولىدۇ.