guide
2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى: پورسچې Cayman GT4
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
592 قىتىم
  سۇمرۇغ ئاپتوموبىل خەۋىرى بۈگۈن ئېچىلغان 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، پورسچې رەسمىي تۈردە Cayman GT4 ئاپتوموبىلنى ئېلان قىلدى، بۇ 3.8L لىق گورزىنتال ئۇدۇل قويۇلغان ماتۇر سەپلەنگەن ئاپتوموبىل ﻫازىرقى Cayman سەپنىڭ ئىچىدىكى ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك ئاپتوموبىل بولىدىكەن.



  Cayman GT4 غا يېڭى ئاپتوموبىل گەۋدىسى ئايرودىنامىكا يۈرۈشكۈك دېتاللىرى سەپلەنگەن، ئۇنىڭغا يېڭى شەكىلدىكى ئالدى بىخەتەرلىك لىمى بىلەن كەينى بىخەتەرلىك لىمى قوشۇلغان، ئۇنىڭغا يەنە چوڭ ئۆلچەملىك كەينى ﻫاۋا سۈمۈرۈش تاختىسى سەپلەنگەن بولۇپ، سېرىق رەڭلىك ئاپتوموبىل گەۋدىسىگە ماسلىشىپ ئاپتوموبىلنى تېخىمۇ ﻫەرىكەتچان كۆرسەتكەن.



  Cayman GT4 نىڭ ئاسما جازىسىغا قايتىدىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ يەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 30mm تۆۋەنلىتىلگەن. بۇ ئاپتوموبىلغا يەنە ئۆلچىمى تېخىمۇ چوڭ بولغان تورمۇزلاش دىسكىسى سەپلەنگەن. ﻫەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەﻫەتتىن، Cayman GT4 غا بىر 3.8L لىق ماتۇر سەپلەنگەن، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى385 ئات كۈچى، بۇ ماتور بىلەن ماسلاشتۇرۇلغىنى ئالتە سۈرئەتلىك قولدا ئۆزگەرتىدىغان سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى. ئالاقىدار تەرەپنىڭ ئېلان قىلىشىچە سائىتىگە 96 كىلومېتىرغا چىقىشى ئۈچۈن 4.2 سىكۇنت كېتىدىكەن، ئەڭ تېز سۈرئىتى 293km/h غا بارىدىغان بولۇپ، بۇ نۇسخا ئاپتوموبىلنىڭ مۇسابىقە ئۈچۈن يارالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.