guide
جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسى : لوتۇس Evora 400 ئېلان قىلىندى
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
618 قىتىم
    ئاپتوموبىل ئائىلىسى 3-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى : 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، لوتۇس ئاپتوموبىل شىركىتى Evora 400 ئاپتوموبىل پاسونىنى ئېلان قىلدى، بۇ ئاپتوموبىل ﻫازىرقى نۇسخىدىكى Evora غا قارىغاندا، تېخىمۇ يېنىك بولغان گەۋدىگە ۋە كۈچلۈك ﻫەرىكەتلەنۈرۈش كۈچ سېستىمىسىغا ئىگە. بۇ ئاپتوموبىل لوتۇش تارىخىدىكى سۈرئىتى ئەڭ تېز، ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولغان تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان ئاپتوموبىل.




   تاشقى كۆرىنىشى جەﻫەتتە، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى يۈز لايىﻬىسى ئىنتايىن جەلپكار بولۇپ، چوڭ كۆلەملىك ﻫاۋا كىرىش سالاسۇنى ۋە ﻫاۋا بۆلۈش ئوقۇرى قوشۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە LED كۈندۈزلۈك چىرىقىمۇ يېڭىدىن قوشۇلغان. قۇيرۇق قىسمىغا كەلسەك، بۇ ئاپتوموبىلغا يېڭى شەكىلدىكى ﻫاۋا بۆلۈش تاختىسى قوللىنىلغان، تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان ئايرۇدېنامىكا لايىﻬىسى بۇ ئاپتوموبىلنىڭ شامالغا قارشى تۇرۇش كوئېففېتسېنتىنى ناﻫايىتى كۆڭۈلدىكىدەك سەۋىيەگە يەتكۈزگەن. ئۇندىن باشقا ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەنئەنىۋى تاق چىقىرىش شەكلىدىكى گاز تۇرۇببىسى ۋە قوش بەش شادىلىق بۇلى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تەنﻬەركەت تۇيغۇسىنى نامايەن قىلغان.




    ئىچكى بېزىلىشى جەﻫەتتە، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىگە قارا رەڭ بىلەن قىزىل رەڭ ماسلاشتۇرۇپ قوللىنىلغان بولۇپ، ئىنتايىن كۆركەم كۆرىنىدىكەن، كۆپ قىسىم جايلىرى  خۇرۇم ماتېرىيال بىلەن ئورالغان. كۆپ ئىقتىدارلىق رولى ئۈستىگە يول ئىزلەش سېستىمىسىنىڭ كۇنۇپكىلىرى ۋە كۆپ ۋاستىلىق سېستىما كۇنۇپكىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شوپۇرنىڭ مەشغۇلاتىغا ئىنتايىن قولايلىق ئېلىپ كەلگەن.

   ﻫەرىكەتلەندۈرۈش كۈچ سېستىمىسى جەﻫەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا بىر دانە 3.5 لتېرلىق V6 لىق مېخانىك بېسىم ئاشۇرىلىدىغان ماتور سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ چىقىرىش قۇۋۋىتى 298kW ، ماكسىموم تولغىنىش مومېنتى 410 ن.م ؛ كۈچ ئۇزىتىشتا مېخانىك سۈرئەت ئۆزگەرتىش ۋە ئاپتۇماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتىش كۇرۇپكىلىق نۇسخىسى ئىستېمالچىلارنىڭ تاللىشىغا سۇنىلىدىكەن. بۇندىن باشقا شىركەت تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ 100 كىلومېتىرلىق تېزلىنىش ۋاقتى پەقەت 4.1 سىكۇنت، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 300 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن.