guide
2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى: سۇزۇكى iK-2 ئۇقۇم ئاپتوموبىلى ئېلان قىلىندى
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
618 قىتىم
  سۇمرۇغ ئاپتوموبىل خەۋىرى بۈگۈن ئېچىلغان 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، سۇزۇكى iK-2 ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلدى، بۇ نۇسخا بەش ئىشىكلىك ئۇقۇم ئاپتوموبىلى قارىماققا خېلىلا جانلىق كۆرۈنىدۇ.



  سىرتقى شەكلىدىن قارىغاندا، سۇزۇكى iK-2 ئۇقۇم ئاپتوموبىلى كۆپ لىمىتلىق رىشاتكا لايىﻬەسىنى قوللانغان، چوڭ چىراغنىڭ شەكلى سۇزۇكى يۈيەننىڭ شەكلى بىلەن بەلگىلىك ئوخشاشلىق يېرى بار. يېڭى ئاپتوموبىل قوللانغىنى قوش بەش لىمىتلىق كۇدا، ئاپتوموبىل ئەينىكىنىڭ يانلىرىغا خرۇم يالىتىلغان زىننەتلەش قوللىنىلغان، قۇيرۇق قىسىم سىزىقچىلىرى قارىماققا بىر قەدەر سىلىق.


  ﻫەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەﻫەتتىن، ik-2 ئۇقۇم ئاپتوموبىلىغا بىر 1.0L BOOSTERJET تۈز پۈركۈگۈچلۈك ماتۇر سەپلەنگەن، بۇ ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى، ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ﻫالدا 4023/1920/1450mm، ئوق ئارىلىقى 2520mm.