guide
2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى: نىكسىس Agera RS
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
519 قىتىم
  سۇمرۇغ ئاپتوموبىل خەۋىرى بۈگۈن ئېچىلغان 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، نىكسىس Agera RS ئاپتوموبىلىنى چىقاردى، ﻫازىرقى نۇسخا Agera R غا سېلىشتۇرغاندا Agera RS نىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ قالتىس. مەلۇم بولىشىچە، بۇ ئاپتوموبىلدىن چەكلىك ﻫالدا پەقەت 25 دانىلا ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن، نۆۋەتتە بولسا 10 دانىسى سېتىلىپ بولغان ئىكەن.




  سىرتقى شەكلى جەﻫەتتىن، Agera RS ئىنتايىن جانلىق بولۇپ، كاربون تالالىق ئاپتوموبىل گەۋدىسى قوللىنىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ONE:1 ئاپتوموبىلدىكى بىر قىسىم ئايرودىنامىكا يۈرۈشكۈك دېتاللىرى قوللىنىلغان، يان ۋە قۇيرۇق قىسمىغىمۇ بۇ ئاپتوموبىل تېخىمۇ كۆپ ئايرودىنامىكا يۈرۈشكۈك دېتاللىرىنى قوللانغان. يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئېغىرلىقى پەقەتلا 1395kg بولۇپ، Agera R نىڭدىن 40kg يىنىك، ONE:1 نىڭدىن 35kg يېنىك.





  ﻫەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىسمىدا، Agera RS غا دەرىجىسى ئۆرلىتىلگەن 5.0L ماتۇر سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى1160 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومىنتى 1280N·m. ئۇنىڭدىن سىرت ئىگەللىشىمىزچە Agera RS نىڭ 200km/h ۋاقىتتا ئەڭ چوڭ بولغاندا 485kg بېسىم پەيدا قىلالايدىكەن، Agera R نىڭدىن 185kg يۇقىرى ئىكەن.