guide
جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسى : فارارى Sergio ئاپتوموبىلى
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
668 قىتىم
 ئاپتوموبىل ئائىلىسى 3-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى : ئەمدىلا باشلانغان جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە فارارى Sergio تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان نۇسخىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ يېڭى ئاپتوموبىل فارارى 458 Spider ئاساسىدا ئىشلەنگەن ﻫەمدە چەكلىك مىقتاردا 6 دانىلا ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. 




    بۇ ئاپتوموبىلنىڭ تاشقى كۆرىنىشىنى داڭلىق ئاپتوموبىل لايىﻬىلەش شىركىتى پىنىنفارىنا لايىﻬىلەپ تاماملىغان بولۇپ، ئاساسەن 2013-يىلى چىقارغان ئۇقۇم نۇسخسىنىڭ لايىﻬىلەش ئۇسلۇبىنى داۋاملاشتۇرغان، گەۋدە قىسمىغا قوش رەڭ لايىﻬىسى قوللىنىلغان بولۇپ، ئارقى قانات تاختىسىغا پىنىنفارىنا شىركىتىنىڭ ماركىسى چۈشۈرۈلگەن. بۇندىن باشقا بۇ ئاپتوموبىلغا ئۈستى ئوچۇق لايىﻬە قوللىنىلغان. 




  قۇيرۇق قىسمىغا كەلسەك، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئارقى قىسىم لايىﻬىسى ئىنتايىن جەلپكار بولۇپ، قېنىق كۈلرەڭلىك ماتور قاپقىغىغا ﻫەرە چۆنىكى شەكىللىك تورسىمان ئىسسىقلىق تارقىتىش ئېغىزى لايىﻬىسى قوللىنىلغان، قۇيرۇق چىرىقىنىڭ شەكلى فارارى 458 نىڭكى بىلەن ئوخشاشكەن. بۇندىن باشقا ئىككى تەرەپتىن تاق چىقىرىش شەكلىدىكى گاز بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى ۋە زىيادە دىففۇزورى بۇ ئاپتوموبىلنىڭ تەنﻬەرىكەتچانلىقىنى ئاشۇرغان. 





   ئىچكى بېزىلىشى جەﻫەتتە، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى بېزىلىشى فارارى 458 نىڭ ئىچكى بېزىلىش ئۇسلۇبىنى داۋاملاشتۇرغان، قارا رەڭلىك ماتېرىيال بىلەن ئورالغان ﻫەمدە قىزىل رەڭلىك كەشتە يىپى بىلەن زىننەتلەنگەن. مەركىزى كونترول سۇپىسى كاربون تالالىق ماتىرىيال بىلەن بېزەك قىلىنغان ﻫەمدە يان ئورۇندۇقنىڭ ئالدى تەرىپىگە «Sergio» بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن. 

 ﻫەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى جەﻫەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا فارارى 458 e Special نىڭ 4.5 لتېرلىق تەبىئىي ﻫاۋا سۈمۈرگۈچلۈك V8 ماتورى سەپلەنگەن بولۇپ، ئەڭ چوڭ چىقىرىش قۇۋۋىتى 605 ئات كۈچى. كۈچ ئۇزىتىشتا ماتورغا يەتتە خوتلۇق قوش ئايرىغۇچلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ  ماسلاشتۇرۇلغان. شىركەت تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ 96 كىلومېتىرلىق تېزلىنىشى ئۈچۈن كېتىدىغان ئەڭ قىسقا ۋاقىت پەقەت 3 سىكۇنت ئەتراپىدىكەن.