جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسى : ماگنا MILA Plus ئاپتوموبىلى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 512 قىتىم
ئاپتوموبىل ئائىلىسى 3-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى : 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ياساش داڭلىق شىركىتى ماگنا (MAGNA ) يېڭى ئۇقۇم ئاپتوموبىلى MILA Plus نى ئېلان قىلدى، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئورنى ئارىلاشما ﻫەرىكەتلەندۈرگۈچلۈك بەيگە ئۇقۇم ئاپتوموبىلى دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ئىلگىرىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئاپتوموبىل كەلگۈسى 2-3 يىل ئىچىدە تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىكەن.

تاشقى كۆرۈنۈشى جەﻫەتتە، بۇ ئاپتوموبىل بىرقەدەر ئىخچام بولغان لايىﻬىسى قوللانغان، ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل پاسونىغا قارىغاندا، بۇ يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى سالاسۇنى ئالدى بىخەتەرلىك قاپقىغىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشقان ﻫەمدە ئالدى چىراق گۇرۇپپىسى بىلەن بىر گەۋىلەشكەن لايىﻬىنى قوللانغان، بۇ خىل لايىﻬە بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى نامايەن قىلغان.

قۇيرۇق قىسمىغا كەلسەك، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ قۇيرۇق قىسمى ئوخشاشلا ئىنتايىن ئىخچام بولۇپ، بەلگىلىك سترېئولۇق تۇيغۇسىغا ۋە فانتازىيىلىك تۇيغۇسىغا تولغان. ئىگىلىنىشچە بۇ ئاپتوموبىلغا پۈتۈن ئاليۇمېنلىق قۇرۇلمىسى قوللۇنۇلغان بولۇپ، گەۋدىسىنىڭ ئېغىرلىقى 1520 كىلوگىرام.

ﻫەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى جەﻫەتتە، بۇ يېڭى ئاپتوموبىلغا بىر يۈرۈش ئارىلاشما ﻫەرىكەتلەندۈرگۈچلۈك كۈچ سېستىمىسى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ بىر يۈرۈش سېستىما بىر دانە 3 گاڭلىق بېنزىن ماتورى ۋە ئىككى دانە ئېلېكترو ماتوردىن تەشكىل تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى دانە ئېلېكترو ماتور ئايرىم-ئايرىم ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى ئوقى ۋە ئارقى ئوقى ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئىگىلىنىچە بۇ ئاپتوموبىلنىڭ 100 كىلومېتىرلىق تېزلىنىشى ئۈچۈن 4.9 سىكۇنت ۋاقىت كېتىدىكەن، ساپ توكلۇق ﻫالىتىدە 100 كىلومېتىرلىق تېزلىنشى ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت 3.6 سىكۇنتقا قىسقارغان. بۇندىن باشقا بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئۇلاپ يول يۈرۈش مۇساپىسى 500 كىلومېتىر، ساپ توكلۇق ﻫالىتىدە ئۇلاپ يول يۈرۈش مۇساپىسى 75 كىلومېتىر.