guide
جاگۇرا يېڭى پاسوندىكى F-TYPE نىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرى ئاشكارىلاندى
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
474 قىتىم
 ئاپتوموبىل ئائىلىسى 4-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى : يېقىندا بىز مۇناسىۋەتلىك يوللار ئارقىلىق جاگۇرا يېڭى پاسوندىكى F-TYPE نىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرىغا ئېرىشتۇق، بۇ ئاپتوموبىل بۇ يىل ئاپرېلدا ئېچىلىدىغان شاڭخەي ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. 

  ئىگىلىنىشچە، يېڭى نۇسخىدىكى  F-TYPE نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى F-TYPE R تۆت چاقتىن قوزغۇتۇلىدىغان پاسونىنى چىقىرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يۈرۈش تۆت چاقتىن قوزغىتىش سېستىمىسى تاللاپ سەپلىنىدىغان سەپلىمە شەكلىدە تەمىنلىنىدىكەن ﻫەمدە F-TYPE R پاسونىغا تاللاپ سەپلىنىدىكەن. بۇندىن باشقا بۇ بىر يۈرۈش تۆت چاقتىن قوزغۇتۇلىدىغان سېستىما يەنە ئىمپورت قىلىنغان ماتور قاپقىغى، تەنﻬەرىكەت تىپىدىكى تاشقى كۆرۈنۈش زاپچاسلىرى، مەخسۇس ياسالغان 19 ديۇملۇق  Volution كۈمۈچ رەڭلىك ئاليۇمىن قېتىشمىلىق بۇل شۇنداقلا تۆت چاقتىن قوزغىتىلىدىغانغا ۋەكىللىك قىلىدىغان AWD  بەلگىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ﻫازىرقى پاسوندىكى F-TYPE غا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى پاسوندىكى F-TYPE غا ئەڭ ئىلغار بولغان EPAS توكلۇق بۇرۇلۇش ياردەمچى سېستىمىسى قوللىنىلغان، سۈرئەتكە نىسبەتەن سەزگۈر ياردەمچى ۋە تەۋرىنىشنى پەسەيتىش  قاتارلىق ئىقتىدارلىرى باركەن. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ 100 كىلومېتىرلىق تېزلىنىشى ئۈچۈن 4.1 سىكۇنت كېتىدىغان بولۇپ، ﻫازىرقى نۇسخىدىكى ئارقىدىن قوزغىتىلىدىغان پاسونىدىن 0.1 سىكونت تېزكەن.