guide
بېنىز AMG GT بۇ يىل ئاپرېلدا تۇنجى ئېلان قىلىنىدىكەن
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
593 قىتىم
   ئاپتوموبىل ئائىلىسى 4-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى : داۋاملىشىۋاتقان جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە ، بىز بېنىز AMG GT نىڭ بۇ يىل ئاپرېلدا ئېچىلىدىغان شاڭخەي ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە دۆلەت ئىچىدە تۇنجى ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئىگىلىدۇق، بۇ ئاپتوموبىل ئىككىنچى پەسىلدە دۆلەت ئىچىدە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. 


    بۇ ئاپتوموبىل 2014-يىللىق پارىژ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە رەسمىي نامايەن بولغان بولۇپ، SLS AMG ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ ۋارىسى، بۇ ئاپتوموبىلغا تاق توغرا شادىلىق سالاسۇن لايىﻬىسى قوللىنىلغان، ﻫاۋا كىرىش سالاسۇنى ئالدى يۈزىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئىگىلىگەن. يان تەرىپىدە «V8 BITURBO» بەلگىسى بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ سالاﻫىيىتىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدىكەن. قۇيرۇق قىسمىغا ئىككى تەرەپتىن تاق چىقىرىش شەكلىدىكى گاز بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى قوللىنىلغان، گاز تۇرۇببىسىغا بولسا يۇقىرى ئىقتىدارلىق گاز بىر تەرەپ قىلىش سېستىمىسى قوللىنىلغان، ئۇندىن باشقا يۇقىرى تۆۋەن تەڭشەشكە بولىدىغان ﻫاۋا بۆلۈش تاختىسى سەپلەنگەن. 

   ئىچكى بېزىلىشى جەﻫەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا بېنىزنىڭ ئەڭ يېڭى جەمەت شەكلىدىكى لايىﻬىلەش ئۇسلۇبىي قوللىنىلغان، ئىچى ئىنتايىن ﻫەشەمەتلىك بولۇپ، كۆپ قىسىم جايلىرىغا كاربون تالالىق بېزەك قوللىنىلىپ، ئۇنىڭ تەنﻬەركەت پۇرىقى ئاشۇرۇلغان. سەپلىمىسى جەﻫەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا ئەڭ يېڭى بولغان COMAND ئۇچۇر كونترول سېستىمىسى، ئارقىغا ياندۇرۇش كۆرۈلمىسى، يول ياردەمچىسى، غۇۋا نۇقتىلارنى كۈزىتىش ياردەمچى سېستىمىسى، قاتناش بەلگىسى ياردەمچى سېستىمىسى قاتارلىقلار سەپلەنگەن. 

   ﻫەرىكەتلەندۈرۈش كۈچ سېستىمىسى جەﻫەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا سەپلەنگىنى بولسا 4.0T لىق قوش پىرقىرىغۇچلۇق ماتور بولۇپ، بۇ ماتور تەڭشىلىشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم ﻫالدا 462 ئات كۈچى ۋە 510 ئات كۈچىدىن ئىبارەت ئىككى خىل نۇسخىسى باركەن. كۈچ ئۇزىتىشتا ماتورغا ماسلاشتۇرۇلغىنى بولسا يەتتە خوتلۇق قوش ئايرىغۇچلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتىش كۇرۇپكىسىكەن. ئىگىلىنىشچە AMG GT نىڭ 100 كىلومېتىرلىق تېزلىنىشى ئۈچۈن كېتىدىغان ئەڭ قىسقا ۋاقىت 4.0 سىكۇنت ، AMG GT S نىڭ 100 كىلومېتىرلىق تېزلىنىشى ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت بولسا 3.8 سىكۇنتكەن.