جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسى : ئوستاۋا RS 230 ساياﻫەت نۇسخىسى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 569 قىتىم
ئاپتوموبىل ئائىلىسى 4-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى : ئەمدىلا باشلانغان جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە، سكۇدا ئاپتوموبىل شىركىتى يېڭى ئوستاۋا RS 230 ساياﻫەت نۇسخىسىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، بۇ ئاپتوموبىل تاشقى كۆرىنىش جەﻫەتتە يېڭى ئوستاۋا RS بىلەن جىق پارقلىنىپ كەتمەيدىكەن. چوڭ رازمېرلىق قارا رەڭلىك بۇل ئالماشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ كۆركەملىكىنى ئاشۇرغان.

ئادەتتىكى نۇسخىسىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ يېڭى ئاپتوموبىل قۇيرۇق قىسىم شەكلى بىر ئاز ئۆزگەرتىلگەن، ئومۇمىي جەﻫەتتىن تەنﻬەرىكەت تىپىغا مايىلكەن، قارا رەڭلىك ئىككى تەرەپتىن تاق چىقىرىش شەكلىدىكى گاز بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى ئىنتايىن ئۆزگىچىكەن.

ئىچكى بېزىلىشى جەﻫەتتە، بۇ يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئىچى قارا رەڭنى ئاساس قىلغان ﻫەمدە قىزىل رەڭلىك كەشتە يىپى بولغان ئاستى تەكشى ئۈچ شادىلىق تەنﻬەرىكەت تىپىدىكى رول سەپلەنگەن. سەپلىمىسى جەﻫەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا چوڭ رازمېرلىق سۇيۇق كرېستاللىق ئېكران ۋە ئاچقۇچسىز قوزغىتىش سېستىمىسى قاتارلىقلار سەپلەنگەن.

ﻫەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى جەﻫەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا بىر دانە 2.0TSI لىق ماتور سەپلەنگەن بولۇپ، ئەڭ چوڭ چىقىرىش قۇۋۋىتى 230 ئات كۈچى، 100 كىلومېتىرلىق تېزلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ قىسقا بولغاندا 6.7 سىكۇنت ۋاقىت كېتىدىكەن. بۇ ئاپتوموبىلغا بىر يۈرۈش تۇنجى قېتىم سكۇدا ئاپتوموبىل پاسونىغا سەپلەنگەن ئوقنى ئېلېكترونلۇق كونترول قىلىش سۈرئەت پەرقلەندۈرگۈچ سەپلەنگەن بولۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئايلانما يولدا ماڭغاندىكى ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان.