guide
رېنالتنىڭ ئۈچ خىل پاسوندىكى SUV ئاپتوموبىلى جۇڭگو بازىرىغا كىرىدىكەن
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
506 قىتىم
    ئاپتوموبىل ئائىلىسى 4-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى : يېقىندا بىز 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە رېنالتنىڭ يېڭى ئاپتوموبىل پىلانىنى ئىگىلىدۇق، 2016-يىلى يىل ئاخىرىدا ئۈچ خىل پاسوندىكى SUV ئاپتوموبىلى جۇڭگو بازىرىغا  كىرىدىكەن، ئۇلار كىچىك تىپتىكى SUV Captur، ئىخچام تىپتىكى SUV Kadjar ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى SUV ئاپتوموبىل پاسونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

( رېنالت Captur ئاپتوموبىلى )
      رېنالتنىڭ يېڭى ئاپتوموبىل پىلانىغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭ ئىچىدىكى كىچىك تىپتىكى  SUV Captur بۇ يىل ئاپرېلدىكى شاڭخەي ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ گەۋدە ئۇزۇنلۇقى 4120mm، ئوق ئارىلىقى 2606mm ، ﻫەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى جەﻫەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا بىر دانە 0.9 لتېرلىق ئۈچ گاڭلىق پىرقىرىغۇچلۇق ماتور سەپلەنگەن. 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە ئەمدىلا ئېلان قىلىنغان ئىخچام تىپتىكى SUV Kadjar مۇ بۇ يىل ئاپرېلدا شاڭخەي ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە نامايەن بولىدىكەن. 

( رېنالت Kadjar ئاپتوموبىلى )
     شەرق شامىلى رېنالت ئىشلەپچىقىرىدىغان رېنالت Kadjar ئاپتوموبىلى 2016-يىلى رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن، بۇ ئاپتوموبىل ﻫازىرقى پاسوندىكى  Kadjar ئاساسىدا ئوق ئارىلىقى ئۇزارتىلىپ ئىشلەنگەن. بۇندىن باشقا   شەرق شامىلى رېنالت 2016-يىلى ئەڭ يېڭى ئوتتۇرا تىپتىكى SUV ئاپتوموبىل پاسونىنى چىقىرىدىكەن.