guide
جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى : ئاۋدى R8 LMS مۇسابىقە ئاپتوموبىلى
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
541 قىتىم
 ئاپتوموبىل ئائىلىسى 4-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى : 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە، ئاۋدى شىركىتى ئەڭ يېڭى بولغان ئاۋدى R8 V10 ۋە R8 V10 plus نى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ يېنىغا يەنە بىر ئاپتوموبىل قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىل دەل ئەڭ يېڭى ئاۋدى R8 LMS مۇسابىقە ئاپتوموبىلى. 




    بۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىلى يېڭى ئاۋدى  R8 V10 ئاپتوموبىل پاسونى ئاساسىدا ئىشلەنگەن ﻫەمدە FIA GT3 گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقە بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ياسالغان. ئېغىرلىقى 1225 كىلوگرام بولۇپ، ئالدىنقى ئەۋلاد پاسوندىن 25 كىلوگىرام يېنىك، ئەمما گەۋدىسىنىڭ تولغىنىشقا چىداملىق دەرىجىسى % 39 يۇقىرى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئايرۇدېنامىكا لايىﻬىسىمۇ بەلگىلىك ئۆزگەرتىلگەن، ئاپتوموبىلنىڭ پۈتكۈل تەگلىكى بىلەن ئارقى دىففۇزورى بىرلەشتۈرۈلگەن ﻫەمدە ئارقى بۇل ئەگمىسى بىلەنمۇ تۇتىشىپ كەتكەن. ئارقا ﻫاۋا بۆلۈش تاختىسىنىڭ رازمېرى ئالدىنقى ئەۋلاد پاسونىدىن سەل كىچىك، بىخەتەرلىك جەﻫەتتە، ئاۋدى بۇ ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ ئالدى قىسىم قۇرۇلمىسىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىش بىرلىكى قوشۇلغان ﻫەمدە گەۋدە گەۋدە ئۈستىگە قېچىپ قۇتۇلۇش ئىشىكى قويۇلغان. 




    ﻫەرىكەتلەندۈرۈش كۈچ سېستىمىسى جەﻫەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا 5.2 لتېرلىق V10 ماتورى سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ چىقىرىش قۇۋۋىتى 585 ئات كۈچى، ماتورغا ماسلاشتۇرۇلغىنى ئالتە خوتلۇق قوش ئايرىغۇچلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتىش كۇرۇپكىسى. بۇ يېڭى ئاپتوموبىل بۇ يىللىق نىيۇبورك 24 سائەتلىك چىدامچانلىق مۇسابىقىسى ۋە Spa 24 چىدامچانلىق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى مۇمكىن.