guide
2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى: قوش ئەجدىﻬار كىچىك تىپلىق SUV Tivoli
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
579 قىتىم
  سۇمرۇغ ئاپتوموبىل خەۋىرى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلغان 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، قوش ئەجدىﻬار ئاپتوموبىلى رەسمىي تۈردە يۇغى ئاستىدىكى يېڭى كىچىك تىپلىق SUV ئاپتوموبىلى Tivoli نى ئېلان قىلدى، يېڭى ئاپتوموبىلنى قوش ئەجدىﻬار XLV ئۇقۇم ئاپتوموبىلى ئاساسىدا ياساشتىن بارلىققا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يىلنىڭ ئىچىدە جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىدا ئۈمىد بار ئىكەن.



  قوش ئەجدىﻬار Tivoli نىڭ ئالدى يۈزىنىڭ شەكلى جانلىق مودا، بولۇپمۇ قارا رەڭلىك يانتۇ رىشاتكا ئىككى تەرىپىدىكى LED كۈندۈزدە يول يۈرۈش چىرىغى بولغان ئالدى چوڭ چىرىغى. ئۇنىڭدىن سىرت، يېڭى ئاپتوموبىل ئالدى بىخەتەرلىك لىمى ئىككى تەرىپىگە تۇمان چىرىغى سەپلەنگەن، ئاستىنقى قىسمىغا تورسىمان رىشاتكا لايىﻬەسى قوللىنىلغان.




  ئىچكى زىننەتلەش قىسمىغا كەلسەك، قوش ئەجدىﻬار Tivoli غا سەپلەنگەن قوش زەمبىرەك ئېغىزى شەكلىدىكى پرىبورلار دىسكىسىمۇ ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ ﻫەرىكەتچان تۇيغۇسىنى ئاشۇرغان. سەپلىمە جەﻫەتتىن، بۇ ئاپتوموبىلغا چوڭ ئۆلچەملىك سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكران ۋە ئاپتوماتىك ﻫاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق سەپلىمىلەر سەپلەنگەن.


  ﻫەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى جەﻫەتتىن، قوش ئەجدىﻬار Tivoli غا ئايرىم-ئايرىم ﻫالدا 1.6L لىق بېنزىن ماتورى ۋە 1.6T لىق دېزىل ماتورى سەپلەنگەن. ئايلانما كۈچ سېستىمىسى جەﻫەتتىن، بۇنىڭ بىلەن ماسلاشتۇرۇلغىنى ئالتە سۈرئەتلىك قولدا ياكى ئالتە سۈرئەتلىك قول ۋە ئاپتوماتلىشىش بىرلەشكەن سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە قوش چاقتا ۋە تۆت چاقتا قوزغىلىشنى تاللاش ئۈچۈن تەمىنلەيدۇ.