guide
جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسى : ئۆزگەرتىلگەن پورۇسچى Macan ئاپتوموبىلى
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
747 قىتىم
   ئاپتوموبىل ئائىلىسى 4-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى : تېچارت ( TECHART) ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرغان پورۇسچى Macan ئاپتوموبىلى بۇ يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە نامايەن بولدى، بۇ پورۇسچى ئاپتوموبىللىرىنى ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزگەرتىپ كېلىۋاتقان كارخانا، ئۇلار ئەنئەنىۋى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش ئۇسلۇبى بۇ يېڭى پورۇسچى Macan ئاپتوموبىلىدا نامايەن قىلغان. 





   بۇ ئاپتوموبىلغا  بىر پۈتۈن يۈرۈش ئايرۇدېنامىكا زاپچاسلىرى قوشۇلغان بولۇپ، ئالدى ئارقى ﻫاۋا بۆلۈش تاختىسى، يان ئېتىكى، ئارقى تۆۋەن تەرەپ ﻫاۋا بۆلگۈچىسى قاتارلىقلار ئۆلچەملىك سەپلەنگەن. ئالدى بىخەتەرلىك قاپقىغىنىڭ كاربون تالالىق بېزىكى بۇ ئاپتوموبىلنىڭ سالماق بولغان خىسلىتىنى نامايەن قىلغان. TECHART بۇ ئاپتوموبىلنى يەنە 21-22 ديۇملۇق ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى بۇل بىلەن تەمىنلىگەن، ئالدى 275mm، ئارقى 315mm لىق بالۇن ماسلىشىپ، مەشغۇلاتچانلىقى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. 




     ﻫەرىكەتلەندۈرۈش كۈچ سېستىمىسى جەﻫەتتە، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ 3.6 لتېرلىق V6 پىرقىرىغۇچلۇق ماتورىغا يۇقىرى ئىقتىدارلىق گاز بىر تەرەپ قىلىش سېستىمىسى ئالماشتۇرۇش ۋە ECU بىرلىكىنى قايتىدىن تەڭشەش ئارقىلىق، ئەڭ چوڭ چىقىرىش قۇۋۋىتىنى 50 ئات كۈچى ئاشۇرۇپ، 450 ئات كۈچىگە يەتكۈزگەن. تۆۋەن تەڭشەڭتىكى 3.0 لتېرلىق نۇسخىسىنىڭ قۇۋۋىتىمۇ ئوخشاشلا 50 ئات كۈچى ئاشۇرۇلۇپ، 390 ئات كۈچىگە يەتكەن. ئۆزگەرتىلگەن ئاتموسفرالىق ئاسما جازىسى ئاپتوموبىل  port Plus مودۇلى شارائىتىدا قوزغالغاندا، گەۋدىسىنى 30mm تۆۋەنلىتىدىكەن. 







  بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىچى زاكاس بېزىكى بىلەن تەمىنلەنگەن بولۇپ، خاسلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن، پورۇسچىنىڭ نوپۇزلۇق ﻫەمكارلاشقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، TECHART بۇ ئاپتوموبىلغا ئالاﻫىدە بولغان ئىلﻬام ئاتا قىلغان.