جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسى : رۇف CTR 3 Hippie ئاپتوموبىلى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 487 قىتىم
ئاپتوموبىل ئائىلىسى 5-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى : پورۇسچىنىڭ داڭلىق ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش مۇتەخەسىسى رۇف (RUF ) بۇ نۆۋەتلىك جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە بىر دانە ئالاﻫىدە نۇسخىدىكى CTR 3 نى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ نامى «CTR 3 Hippie».

رۇفنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ ئالاﻫىدە ئاپتوموبىل پاسونى پورۇسچىنىڭ ئايىﻬىلەش ئۇستىسى Richard Soderberg نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ياساپ چىقىلغان، ئۇنىڭ ئەڭ ئالاﻫىدە يېرى شۇكى گەۋدىسىگە خاسلاشتۇرۇلغان گۈلچەمبىرەك چۈشۈرۈلگەن، «Hippie» دېگەن ناممۇ شۇنىڭدىن كەلگەن. گەۋدە گۈلچەمبىرىكىدىن سىرت يەنە كاربون تالالىق گەۋدە زاپچاسلىرى قوشۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئالدى لەۋ، ئارقى دىففۇزور شۇنداقلا ئارقى ﻫاۋا بۆلۈش تاختىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

تاشقى كۆرۈنىشىدىن باشقا، ئاپتوموبىلنىڭ ئىچى چوڭ كۆلەمدە كاربون تالالىق ماتېرىيال بىلەن زىننەتلەنگەن، مەسىلەن پرىبور دېسكىسى، دەسسىگۈچى، قول تورمۇز دەستىسى قاتارلىق قىسىملىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەسلىدە ئىنتايىن ئادەتتىكىچە بولغان ئىچكى بېزىلىشى بىراقلا قويۇق تەنﻬەركەت پۇرىقىغا ئىگە بولغان.

ﻫەرىكەتلەندۈرۈش كۈچ سېستىمىسى جەﻫەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا 3.8 لتېرلىق پىرقىرىغۇچلۇق ماتور سەپلەنگەن بولۇپ، ئەڭ چوڭ چىقىرىش قۇۋۋىتى 777 ئات كۈچى، ماكسىمۇم تولغۇنۇش مومېنتى 980 ن.م ، يەتتە خوتلۇق قوش ئايرىغۇچلۇق سۈرئەت كۇرۇپكىسى ياكى ئالتە خوتلۇق مېخانىك سۈرئەت ئۆزگەرتىش كۇرۇپكىسى ماسلاشتۇرۇلغان، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 380 كىلومېتىر بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بەيگە ئاپتوموبىللىرىنى ئېشىپ چۈشكىدەك ئەمىلىي كۈچكە ئىگىكەن.