ﻫىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ زور مەبلەغ كەتكەن ناخشا
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-15
- كۆرۈلۈشى:
- 3682 قىتىم
ئامىر خان ۋە كاترىنا كايىف باش رول ئالغان فىلىم «ئۇچقۇر ئوغرى3» نىڭ ناخشىسى «Malang» («سەرسان مۇﻫەببەت») ﻫىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ زور مەبلەغ بىلەن ئىشلەنگەن، ئەڭ قىممەت كىنو ناخشىسى. مەزكۇر ناخشىغا 50 مىليون رۇپىيە (790مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) سەرپ قىلىنغان. ناخشىدا مەخسۇس مۇشۇ ناخشا ئۈچۈن ئامېرىكىدىن كەلگەن 200 سېرىك ئارتىسى رول ئالغان. ناخشا سۈرەتكە ئېلىنغان سەﻫنىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئىككى ئاي كەتكەن، ناخشىنى سۈرەتكە ئېلىشقا 20 كۈن سەرپ قىلىنغان. ناخشا سۈرەتكە ئېلىنىشتىن بىرنەچچە ﻫەپتە بۇرۇن دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق سېرىك ئۆمىكى كانادا «قۇياش سېرىك ئۆمىكى» نىڭ سېرىكچىلىرى ئىككى ئارتىسنى مەشىقلەندۈرگەن، ناخشىدىكى پۈتۈن ﻫەرىكەتلەر ﻫېچقانداق بىخەتەرلىك ۋاستىسى، بىخەتەرلىك تورى بولمىغان شارائىتتا ئورۇنلانغان.
بۇ ناخشىنى كومپوزىتور پرىتام ئىجاد قىلغان، ئۇ يەنە«ئۇچقۇر ئوغرى 1،2» نىڭ پۈتۈن ناخشىلىرىنى ئىجاد قىلغان. ناخشا تېكىستىنى سامېر ئانجان يازغان.
ناخشا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ﻫىندىستاندىكى رەت-تەرتىپ تاختىسىدا 8-ئورۇنغا چىققان، ئىككىنچى ﻫەپتىسى بىرىنچى ئورۇننى ئىگەللىگەن. ئوبزورچىلار ناخشىغا ئوخشاش بولمىغان باﻫالارنى بەرگەن، ناخشىدىكى سوفىچە پۇراقنى مەدﻫىيلىگەن.