ئېكراندىكى ئەڭ چىرايلىق «جۇلىت»
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 639 قىتىم
شېكىسپىرنىڭ مۇﻫەببەت تراگدىيسىى «رومىئو ۋە جۇلىت» 1595-يىلى روياپقا چىقتى.كىنو تېخنىكىسى ئىجاد قىلىنغاندىن بۇيان 12 قېتىم كىنو قىلىپ ئىشلەندى. بۇنىڭ ئارىسىدا، 1968-يىلى، فرانك جېففرېي رېژىسسورلۇق قىلغان نۇسخىسى ئەڭ كلاسسىك دەپ قارىلىدۇ. كىنو مەستانلىرى فىلىمدە جۇلىتنىڭ رولىنى ئالغان ئولىۋىيە خۇسسېي ئەڭ چىرايلىق جۇلىت دەپ بىلىدۇ.
ئەگەر ئارتىسلار ئارىسىدىكى مەلىكىنىڭ رولىنى ئېلىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان ئارتىسنى تاللاش توغرا كەلسە، ئولىۋىيە خۇسسېي ئاۋدرېي خېپبۇرن بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان بىردىنبىر ئارتىس بولۇشى مۇمكىن. 1968-يىلى ئىشلەنگەن فىلىم «رومىئو ۋە جۇلىت» ئاسيا ئەللىرىدە بولۇپمۇ ياپونىيە ۋە كورىيەدە قاتتىق ئالقىشلانغان. فىلىمدە كىشىلەر ئىنتايىن مۇكەممەل جۇلىتنى يەنى، پاك، ئېسىل، سىرلىق، شەرق ۋە غەربنىڭ گۈزەللىكىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن ﻫەمدە بارلىق بويۇنتۇرۇقلاردىن ئازات بولۇشنى ئىزدەيدىغان جۇلىتنى كۆردى. جۇلىتنىڭ رولىنى ئېلىشقا تاللانغاندا ئولىۋىيە ئارانلا 15ياش ئىدى، ئۇ ئىكراندا بىزگە ياش قىزلارنىڭ گۈزەللىكىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. دەل مۇشۇ فلىمدە، ئولىۋىيە گۈزەللىكنىڭ ئەڭ مۇكەممەل نۇقتىسىنى نامايان قىلدى. بۇ گۈزەللىك ۋاقىتلىق لېكىن ئېكراندا ۋە تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈلۈك ئەسلىمە بولۇپ قالدى.