guide
«ﻫەتتا تەڭرىمۇ ئۈچ خاننى بىريەرگە ئېلىپ كېلەلمەيدۇ»
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
683 قىتىم

«ئوم شانتى ئوم»،«يېڭى يىلغا مۇبارەك» قاتارلىق زور بېلەت كىرىمىلىك فىلىملەرنىڭ رېژىسسورى فارا خان تېلېۋىزىيە ساﻫەسىگە كەسكىن يۈرۈش قىلدى، ئۇ يېڭىدىن تەسىس قىلغان تائام پروگراممىسى«Farah ki dawat» ﻫىندىستان تاماشا ساﻫەسىدە كۆپ دىققەت-ئېتىبار قوزغىدى. بۇ پروگراممىنىڭ ﻫەربىر قىسىمدا فارا خان بوللىۋودنىڭ ئەڭ داڭللىق چولپانلارنى تەكلىپ قىلىدۇ. فارا خاننىڭ ئەزەلدىن بوللىۋودتىكى ئۈچ خان-شاﻫرۇﻫ، سالمان، ئامىرخان بولۇپمۇ شاﻫرۇﻫ خان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناﻫايىتى يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنىڭدىن پروگراممىسىدا ئۈچ خاننى بىر يەرگە جەم قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدى. فاران خان بۇنىڭغا قارىتا شاﻫرۇﻫ خان، سالمان خان، ئامىرخان ئۈچىنى بىر يەرگە جەم قىلىشنىڭ ئاساسەن مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
«مەن ئويلايمەن، ﻫەتتا تەڭرىمۇ بۇ ئۈچىنى بىر يەرگە جەم قىلالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇنىڭغا ئۇرۇنىشنىمۇ ئويلىمايمەن. مەن «ئوم شانتى ئوم»نىڭ باش ناخشىسىغا بارلىق چولپانلار يىغىلغان ۋاقىتتا ئۇلارنى رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلغان لېكىن ئۇ ئەمەلگە ئاشمىدى» لېكىن فارا خان يەنە مۆجىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان كىچىككىنە ئۈمىدىنى بايان قىلدى. «قېنى تەڭرىدىن تىلەپ باقايلى، ئەگەر مەن شاﻫرۇﻫ خان، سالمان خان، ئامىر خانلارنى بىر يەرگە ئېلىپ كېلەلىسەم، ئۇ بىر مۆجىزە بولىدۇ. ئېﻬتىماللىق ناﻫايىتى ئاز لېكىن بەلكىم بىر كۈنلەردە مەن تەلەيلىك بولسام بۇمۇ ئەمەلگە ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن».
فارا خاننىڭ 2007-يىلىدىكى بازارلىق فىلىمى «ئوم شانتى ئوم » 42دا  چولپان «مېﻬمان رول»ئالغان، باش ناخشا ئۆزىدە 30 چولپان كۆرۈلگەن. فارا خان ئەسلىدە باش ناخشىدا شاﻫرۇﻫ خان، سالمان، ئامىر خان ئۈچىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ تارىخ ياراتماقچى بولغان. لېكىن سالمان خان تەكلىپنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ ئامىر خان« فىلىمدە شاﻫرۇﻫ خان باش رول ئالغان شارائىتتا كىچىك رول ئالمايمەن» دېگەن سەۋەب بىلەن فارا خاننىڭ تەلىپىىنى رەت قىلغان.
فىلم مەستانىلىرى ۋە فىلىم ساﻫەسىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان يېرى بوللىۋودتىكى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندىكى بۇ ئۈچ چولپان ﻫازىرغىچە بىر فىلىمدە ﻫەمكارلىشىپ باقمىدى. بۇنىڭ ئارىسىدا شاﻫرۇﻫ خان بىلەن سالمان بىرقانچە قېتىم بىرلىكتە كىنو ئىشلەپ باققان، لېكىن ئامىر خان بىلەن شاﻫرۇﻫ خان تا ﻫازىرغىچە بىرەر فىلىمدە ﻫەمكارلىشىپ باقمىدى. ئىلگىرىكى شاﻫرۇﻫ خان ئامىر خاننىڭ تاغىسى رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «جوش» تا باش رول ئالغان، بۇ چاغدا ئامىر خاننىڭ تاغىسى ئامىر خاننى فىلىمدە «مېﻬمان رول»ئېلىپ بېرىشكە ئالاﻫىدە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئامىرخان يەنە «فىلىمدە شاﻫرۇﻫ خان باش رول ئالغان شارائىتتا كىچىك رول ئالمايمەن» دەپ تاغىسىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان.
2008-يىلى ئىشلەنگەن نۇرغۇن چولپانلار «مېﻬمان رول» ئالغان فىلىمنىڭ ئارتىسلار تىزىملىكىدە شاﻫرۇﻫ خان بىلەن ئامىر خان ئاخىرى بىرلىكتە كۆرۈلىدۇ. لېكىن ئامىرخان فىلىم ئىچىدىكى فىلىمدە رول ئالغان، شاﻫرۇﻫ خان ئۆزىنىڭ سالاﻫىيىتىدە «مېﻬان رول» ئالغان بولۇپ ئىككىلىسىنىڭ ئالغان رولىنڭ ﻫېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ﻫەم يۈزلەشمەيدۇ.