guide
ئاۋدرېي خېپبۇرننىڭ ئۆزگىچە شىلەپىلىرى
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
1151 قىتىم

ئاۋدرې خېپبۇرن يېرىم ئەسىردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك قارىشىغا ﻫەمدە مودا ئېقىمىغا تەسىر قىلىپ كەلدى. كىشىلەر ئۇنى گۈزەلللىك ۋە ئېسىل لاتاپەت ئىگىسى دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ مىجەزى ئىللىق، شاد كۈلكىسىدە ئۆزگىچە جەلىپكارلىق بار، ئۇنىڭ گۈزەللىكى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.
مودا تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر دەرﻫال ئاۋدرېينى ئەسكە ئالىدۇ. مودا قامۇسى دەپ تەرىپىلىنىدىغان مودا ژۇرنىلى «VOGUE» دا ئىلگىرىكى ئاۋدرې ئەڭ يۇقىرى بېلەت سانى بىلەن « دۇنيادىكى مودا شەخسىلەر» تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. مودا ژۇرنىلى «ELLE»مۇ ئاۋدرېينى «تارىختىن بۇيانقى ئەڭ گۈزەل ئايال» دەپ باﻫالىغان.
بۆك، شىلەپە كىشىنىڭ مودا سەزگۈسىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئاۋدرېينىڭ ﻫەربىر تال شىلەپىسى ئۆزى بىر سەنئەت بۇيۇمى. ئۇ ﻫەرخىل بۆك، شىلەپىلەرنى يىغىشقا ناﻫايىتى ﻫېرىسمەن، چۈنكى شىلەپە ئۇنىڭ ﻫۆسىنىگە ﻫۆسن قوشۇپ، ئۇنىڭ چىرايلىق يۈز شەكلىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ بىرقانچە شىلەپە كىيگەن تۇرقى مودا ساﻫەسىدىكى ئەڭ كلاسسىك ئوبرازلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.