guide
«ئاياللار بايرىمى»دا ﻫىندىستان چولپانلىرى ئاياللار ئۈچۈن ﻫوقۇق تەلەپ قىلدى
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
665 قىتىم

8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى كۈنىدە،بوللىۋودنىڭ يېڭى چولپانلىرى ئاياللار ئۈچن تېخىمۇ كۆپ ﻫوقۇق ۋە ﻫۆرمەت تەلەپ قىلدى.
بۈگۈن 8-مارت ئاياللار بايرىمى ئىنتېر دۇنياسى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئاياللار بايرىمى توغرۇلۇق تەبرىكلەرگە تولدى. بوللىۋودنىڭ يېڭى چولپانلىرىمۇ بۇ مۇناسىۋەتتە ئىجتىمائىي ئالاقە تورى تۋېتېر ئارقىلىق جىددىي ئۇچۇر يوللىدى.
ئالىيە بات، كەينى-كەينىدىن بازارلىق فىلىملەرنى چىقىرىۋاتقان بۇ يېقىملىق ئارتىسى تۋېتىرسىدا مۇنداق دېدى: «بىز كىشىلەر ئويلىغاندىن بەكرەك كۈچلۈك، بىز سىلەردىن ئويلىغاندىن مۇنەۋۋەر! ئاياللار تېخىمۇ كۆپ ﻫوقۇق بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!!!! ئاياللار بايرىمىغا مۇبارەك»
بىر قاتار ﻫەرىكەتلىك فىلىملەردە رول ئېلىپ داڭ چىقارغان، جەلىپكار چولپان سوناكشى سىنخا «نېمە ئۈچۈن بىز ﻫەممە كۈننى ئاياللارنىڭ كۈنى قىلالايدىغان ﻫوقۇققا ئىگە تۇرۇپ پەقەت بىر كۈن ئاياللارغا ئاتىلىدۇ؟!ئاياللارغا تېخىمۇ كۆپ ﻫوقۇق بېرىلىشى كېرەك، بۈگۈن ﻫەم ﻫەر ۋاقىت ئاياللار بايرىمى»
بوللىۋودنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ئەر چولپانلارنىڭ بىرى بولغان ۋارۇن داۋان ئاياللار ۋە قىزلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ﻫوقۇق تەلەپ قىلدى. ئۇ تۋېتىردا :« يىلدىكى بىر كۈن ئاياللارنى مەدﻫىيلەشكە يەتمەيدۇ ئاياللار بايرىمىغا مۇبارەك »دېدى.
تېلېۋىزىيە دۇنياسىدا داڭ چىقىرىپ  يېقىندىن بۇيان ﻫىندىستاندىكى ئەڭ ئالقىشلانغان چولپانلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان گاۋتام گۇلاتى «ئاياللار بايرىمىغا مۇبارەك» دېگەن خەتنى قولىغا يېزىپ سۈرەتكە چۈشۈپ،سۈرەتنى تورغا يوللىدى.