guide
تاماشا ساﻫەسىدىكى چولپانلارنىڭ كىرىمى ئاشكارىلاندى
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
809 قىتىم





سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 


فىلىم ﻫەققى: چېن داۋمىڭ، چېن باۋگو بىر قىسىمى 200 مىڭ يۈەنگە يېقىن


فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ ئاشكارلىشىچە، چېن داۋمىڭ، چېن باۋگو، سىچىنگاۋۋا قاتارلىق بۇ نوپۇزلۇق ئىچكى ئۆلكىدىكى بىرىنچى لىنىيەدىكى ئارتىسلارنىڭ تېلۋىزىيە تىياتىرىغا رولغا چىقىش ﻫەققىسى بىر قىسىمى 200 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدىغان بولۇپ، بەش يىل ئىلگىرىكىدىن بىر ﻫەسسە قاتلانغان. 
ئىككىنچى لىنىيەدىكى ئارتىسلارنىڭ ﻫەققى بىر قىسىمى 70-80 مىڭ يۈەن--بەش يىل ئىلگىرى چېن داۋمىڭنىڭ باﻫاسى دەل مۇشۇنداق ئىدى. بۇندىن سىرت، خۇاڭ شاۋمىڭدەك بۇنداق يېڭىدىن بىرىنچى لىنىيەگە ئۆسكەن ئارتىسنىڭ ﻫەققى بىر قىسىمى 150 مىڭ يۈەن ئەتىراپىدا ئىدى. بۇ باﻫا بويىچە ئاددى غىنە ﻫېسابلاپ باقساق، ئادەتتە بىرىنچى لىنىيەدىكى ئارتىسلار 30 قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرىدىن ئىككىنى ئىشلەشكە قاتناشسىلا ﻫەققى ئون مىلىيون يۈەندىن ئاشىدۇ، ئىككىنچى لىنىيەدىكى ئارتىسلارنىڭ ئاساسى جەﻫەتتىن نەچچە مىلىيون يۈەن بولىدۇ. 






شىياڭگاڭ، تەيۋەنلىك ئارتىسلارنىڭ ئىچكى ئۆلكىگە كېلىپ كان قېزىش تەمىناتىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئاز بولمىغان بازارغا زەربە بېرىدىغان چولپانلار باﻫانى قويىۋېتىدۇ، مەسلەن يۈشىمەننىڭ ئىچكى ئۆلكىدە رولغا چىقىش ﻫەققى بىر قىسىمى 40 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئىچكى ئۆلكىدىكى ئىككىنچى لىنىيەدىكى ئارتىسنىڭ باﻫاسىغىمۇ يەتمىگەن. ئەمما ئاز بولمىغانلىرى ئاساسنى بۇزىۋەتكەن، ﻫەققى شىياڭگاڭدىكىنىڭ ئۈچ-تۆت ﻫەسىسىگە تەڭ كەلگەن، بىر قانچە يىل ئىلگىرى جاڭ بوجى بىر قىسىمى 160 مىڭ يۈەن باﻫادا فىلىم ئىشلەشكە قاتناشقان، شىيې تىڭفېڭ بىر قىسىمى 150 مىڭ يۈەن باﻫادا فىلىم ئىشلەشكە قاتناشقان. 




ئويۇن قويۇش: جاڭ شۆيوۋ، جو جىيېلۈن باﻫاسى 700 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى

دۆلەت ئىچى بازىرىدا، شىياڭگاڭ، تەيۋەنلىك ناخشىچىلارنىڭ مەيدانغا چىقىش ﻫەققى ئىچكى ئۆلكىدىكى ناخشىچىلارنىڭ مەيدانغا چىقىش ﻫەققىدىن يۇقىرى. يېقىندا بىر نۇسخا چولپانلارنىڭ ئويۇن قويۇش باﻫا جەدىۋىلى ئاشكارلاندى، جاڭ شۆيوۋ، لىيۇ دېخۇا، چەي يىلىن قاتارلىقلارنىڭ ئويۇن قويۇش باﻫاسى 700 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغان.




ئېلان: شىياڭگاڭ، تەيۋەنلىك چولپانلارنىڭ ئون نەچچە مىلىيون يۈەن 

ئەڭ پۇل تاپقىلى بولىدىغىنى يەنىلا ئېلان ۋاكالەتچىسى، ۋاقتى قىسقا، كىرىمى يۇقىرى، يەنە ئۆزى ئۈچۈن تەشۋىقات ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. سۇ يوپىڭ، لىن شىنرۇ، خۇاڭ شاۋمىڭ قاتارلىق چولپانلارغا ئىگە بولغان خۇايى قېرىنداشلار ۋاستىچىلىك شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىمى مۇخبىرغا ئىچكى ئۆلكىدىكى بىرىنچى لىنىيەدىكى سەنئەتكارنىڭ ئېلان ﻫەققى 2 مىلىيون يۈەندىن يۇقىرى، ئىككىنچى لىنىيەدىكى سەنئەتكارنىڭ ئېلان ﻫەققى نەچچە يۈز مىڭ يۈەن ئىكەنلىكى، ئەكىسچە شىياڭگاڭ، تەيۋەنلىك سەنئەتكارلارنىڭ باﻫاسىنىڭ نەچچە مىلىيون يۈەن، ﻫەتتا ئون نەچچە مىلىيون يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى ئېيىتقان. 






چولپانلارنىڭ باﻫاسى قانداق بېكىتىلىدۇ؟ 
ىۇايى قېرىنداشلار ۋاستىچىلىك شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىم مۇخبىرغا چولپاننىڭ باﻫاسى مۇرەككەپ، كۆپ ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە، باﻫاغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل ناﻫايىتى كۆپ، ﻫەر يىلىدىكى باﻫامۇ تەڭشىلىپ تۇرىدۇ. تەسىر دائىرىسى بارمۇ- يوق، ئىشلىگەن ئەسىرى بارمۇ-يوق، خەلقئارالىق، دۆلەت ئىچى چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنمۇ-يوق، ﻫەتتا سەتچىلىك خەۋىرى بارمۇ-يوق قاتارلىقلارنىڭ ﻫەممىسى چولپاننىڭ باﻫاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ﻫەريىلى شىركەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئىچكى قىسىمدا باﻫا تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. 





زادى ئەرزىمدۇ-يوق؟
چولپانلارنىڭ باﻫاسى زىيادە يۇقىرى، كىشلەر ئىختىيارسىز بۇ زادى ئەرزىمدۇ-يوق؟ دەپ سورىشىدۇ. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن باشلاپ، ئاز بولمىغان چەكلەش بۇيرۇقى مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەرنى ئېﻬتىيات قىلىش، تېلۋىزىيە تىياتىرىغا سالغان مەبلەغنى كېمەيتىشكە بۇيرۇدى، ئەمما ئوخشاشلا ئارتىسلارنىڭ باﻫاسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستى. 
ﻫازىر ئاز بولمىغان «چولپان ئېففىكتى» نىڭ دەردىنى تارتقان مەبلەغ سالغۇچىلار تىرىشىپ بۇ خاتا رايوندىن چېكىنىپ چىقتى، بولۇپمۇ ئالدىنقى يىلى، بىرمۇ چولپان يوق «تۇيۇقسىز زەربە بېرىش» قىزىغاندىن كېيىن، ئاز بولمىغان فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنى ئويغاتتى.