guide
ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇﻫىتقا بولغان تەسىرى
يوللانغان ۋاقتى :
05-12
كۆرۈلۈشى:
1854 قىتىم
 يۇقىرى - يېڭى تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېلېكتىرونلۇق مەﻫسۇلاتلارنىڭ يېڭىلىنىش دەۋرى بارغانسېرى قىسقا بولۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ پۈتۈن دۇنيادىكى بىراك قىلىنغان ﻫەر خىل تىپتىكى كومپيۇتېر، يان تېلېفون، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى كىشىنى ﻫەيران قالدۇرىدۇ.
  نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيا بويىچە ﻫەر يىلى يېڭىدىن پەيدا بولۇۋاتقان ئېلېكتىرون ئەخلەتلەر %18لىك سۈرئەت بىلەن كۆپىيىۋاتىدۇ، دۇنيا مۇﻫىت تەشكىلاتىنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىشىگە ئاساسلانغاندا، 2017 - يىلىغا بارغاندا، يەر شارىدا ﻫاسىل بولىدىغان ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 65 مىليارد 400 مىليون توننىغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
  تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغاندا، غايەت زور ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقىلى بولىدىكەن. ئادەتتە بىراك قىلىنغان ئېلېكتىرونلۇق مەﻫسۇلاتلار تەركىبىدىكى قىممەت مېتاللارنىڭ مىقدارى كۆپىنچە ﻫاللاردا مېتال رۇدىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، مەسىلەن: بىر توننا توك يولى تاختىسى تەركىبىدىكى ئالتۇن مىقدارى بىر توننا ئالتۇن رۇدىسىنىڭكىگە قارىغاندا 800 ﻫەسسە يۇقىرى بولىدۇ، بىر توننا كېرەكسىز تور تاختىسىدىن 400 گىرام سېرىق ئالتۇن، 200 كىلوگىرام مىس ۋە 500 گىرام باشقا قىممەتلىك مېتاللارنى ئايرىپ ئالغىلى بولىدۇ.
  ﻫازىر دۆلىتىمىزدىمۇ ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان كارخانىلار قۇرۇلدى. گەرچە مەملىكىتىمىز ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن، شۇنداقلا خەلقئارالىق كېلىشىم −− «بازېل ئەﻫدىنامىسى»دە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ﻫەر قانداق سەۋەب بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرگە زىيانلىق كېرەكسىز بۇيۇملارنى ئېكسپورت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا %70تىن ئارتۇق ئېلېكتىرون ئەخلەت ئېلىمىزدە تۆكمە قىلىنىپ سېتىلماقتا.
  يۈزەكى جەﻫەتتىن قارىغاندا، بۇنداق مېتال تاۋلاش ئۇسۇلى مېتال رۇدىلىرىنى تاۋلاشقا قارىغاندا كۆپ ئەرزان، ئەمەلىيەتتە، ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرى بىر تەرەپ قىلىنىش جەريانىدا كۆپ مىقداردا زەﻫەرلىك گاز ۋە زىيانلىق ماددىلارنى ﻫاسىل قىلىپ، ﻫاۋا، سۇ، تۇپراقنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا زور دەرىجىدە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. 
نۆۋەتتە ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرى خىمىيە سانائىتى، مېتاللورگىيە، قەغەز ياساش، ياسىمىچىلىق، گۈل بېسىش ۋە بوياش قاتارلىق ساﻫەلەر پەيدا قىلغان بۇلغىنىشتىن كېيىن بارلىققا كەلگەن يەنە بىر يېڭى تىپتىكى مۇﻫىت بۇلغىغۇچى قاتىلغا ئايلىنىپ قالدى.
  ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرى ئېكولوگىيەلىك مۇﻫىتقا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خەۋپنى ئېلىپ كېلىدۇ
  1. ئېغىر مېتاللاردىن بۇلغىنىش.
  ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنىڭ تەركىبىدە سىماب، قوغۇشۇن، كادمىي، خىروم قاتارلىق كۆپ خىل ئېغىر مېتاللار بولۇپ، بۇنداق ئېغىر مېتاللار ئادەتتە ناﻫايىتى تەستە ئېرىيدۇ. ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، ئېغىر مېتاللار تۇپراق ياكى سۇ مەنبەسى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، بەدەندىكى ئاقسىل ۋە ئېنزىملار بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەگە كىرىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاقسىل بىلەن ئېنزىمنىڭ ئاكتىپچانلىقى يوقىلىدۇ، ﻫەتتا بەزى ئېغىر مېتاللار بەدەندىكى مەلۇم ئەزالارغا توپلىشىۋالىدۇ، ناۋادا بەدەننىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىدىن ئېشىپ كەتسە، ئېغىر مېتاللاردىن زەﻫەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  2. تاشلاندۇق پىلاستىك ماتېرىياللاردىن بۇلغىنىش.
  ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنىڭ سىرتقى قىسمى كۆپ خىل پىلاستىك ماتېرىياللاردىن ياسىلىدۇ، بۇنداق ماتېرىياللار ئادەتتە ئاسان پارچىلانمايدىغان بولغاچقا، خەتىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. ئەگەر يەرگە ياكى سۇ مەنبەسىگە تاشلىۋېتىلگەن ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنى ﻫايۋاناتلار بىلىپ - بىلمەي يەپ سالسا، ﻫايۋاناتلار زەﻫەرلىنىپ قالىدۇ؛ ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنى يەرگە كۆمۈۋەتكەن تەقدىردىمۇ تۇپراق سۈپىتى ۋە تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىغا تەسىركۆرسىتىپ، تۇپراق ماددىلىرىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى يەر ئاستى سۈيىنى بۇلغايدۇ؛ ئەگەر ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنى بىۋاسىتە كۆيدۈرگەندە، ئۇنىڭدىن بىۋاسىتە چىققان زىيانلىق گازلار ﻫاۋانى بۇلغايدۇ.
  3. خىمىيەلىك ماددىلاردىن بۇلغىنىش. 
  ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىدىكى ﻫەر خىل كۆيۈشكە توسقۇنلۇق قىلغۇچى ماددىلار، ئېرىتكۈچى قاتارلىقلار ئادەتتە خىمىيەلىك بۇلغىغۇچى ماددىلارنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ﻫېسابلىنىدۇ. بەزى خىمىيەلىك دورىلار تەبىئىي زەﻫەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە، بەزىلىرى ﻫەتتا ئادەم بەدىنىدە راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە بەزىلىرى كۆيۈشچانلىققا ئىگە.
  4. باشقا بۇلغىنىش.
  كاربون ئۇۋاقچىلىرى، سىرتقى ئورالما قاپقا ئوخشاش مۇﻫىت بۇلغاشچانلىقى ئېنىق بولمىغان ماددىلارنى يەنىلا سىستېمىلىق يىغىۋېلىپ، قايتا پايدىلىنىش كېرەك.
  ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان مەملىكىتىمىزگە نىسبەتەن ئېغىر ئېكولوگىيەلىك مۇﻫىت مەسىلىسى بولۇپ قالدى، ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرى پەيدا قىلغان خەۋپلەر مەملىكىتىمىزنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئاللىقاچان كۆرۈلۈشكە باشلىدى، ﻫەتتا بەزى جايلاردا كىشىلەرنىڭ راك قاتارلىق ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلاۋاتىدۇ، شۇڭا ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇﻫىتقا بولغان تەسىرىگە سەل قارىماسلىق لازىم. 
  ﻫازىر تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنى قايتا يىغىۋېلىش جەﻫەتتە ئاللىقاچان بىر يۈرۈش ئۇسۇل، تۈزۈم ۋە تەجرىبىلەر بارلىققا كەلدى، مەملىكىتىمىزگە نىسبەتەن ئېلېكتىرونلۇق ئەخلەتلەرنى قاراتمىلىقى بولغان ئاساستا قايتا يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش مېخانىزمى تېخى مۇكەممەل ئەمەس، قايتا يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش ئۈنۈمىمۇ تۆۋەن. شۇڭا مۇﻫىت ئاسراش تارماقلىرى 2014 - يىلى ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش تۈرىنى يولغا قويدى. بۇ تۈر مەملىكىتىمىزنىڭ ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە تېخنىك ئۆلچىمىنىڭ مۇكەممەللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەستە پارچىلىنىدىغان ئورگانىك بۇلغىغۇچى ماددىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتىش جەﻫەتتە تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتىدۇ.