تارىختىكى بۈگۈن: 20- فېۋرال
- يوللانغان ۋاقتى :
- 02-21
- كۆرۈلۈشى:
- 1734 قىتىم
2008-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كورىيەنىڭ ﻫەربىي تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، يەتتە ئادەم قازا قىلغان. بۇ تىك ئۇچار بىر ئاغرىق ﻫەربىينى سىئۇل دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قويۇپ، بازىغا قايتىپ يولىدا چۈشۈپ كەتكەن، بۇ تىك ئۇچار 1967-يىلى ئامېرىكىدىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئىشلەتكىلى 40 يىلدىن ئاشقانىدى، ۋەقە يۈز بەرگەندە ﻫاۋا تولىمۇ تۇمان ئىدى.
1985-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپ سەددىچىن سېپىلى كۆزىتىش پونكىتى قۇرۇلغان. بۇ ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپ كۆزىتىش پونكىتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ پونكىتنى ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپ ئەزىمەتلىرى قىسقىغىنە 26 كۈن ئىچىدە كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەپ قۇرۇپ چىققان. سەددىچىن سېپىلى پونكىتى-ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپتىكى تۇنجى ئىلمى تەكشۈرۈش بازىسى.
1968-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىزنىڭ بوشلۇق تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى قۇرۇلغان. بۇ تەتقىقات ئورنىنى ماۋزېدۇڭ قۇرغان. تەتقىقات خادىملىرىنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا، ئېلىمىزنىڭ سۈنئىي ﻫەمراﻫ لايىﻬەسى سەۋىيەسى قاتارلىق جەﻫەتلەردە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. 1998-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، جۇڭگو بوشلۇق تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى بېيجىڭدا تەبرىكلەنگەن. دۆلەت ئىشلىرى مەﻫكىمىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى باش مىنىستىرى لى پېڭ تەبرىك سۆزى قىلىپ:«ئاۋىئاتسىيە ئىلمى تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك» دېدى.
1925-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، شاڭخەيدىكى ياپونىيەنىڭ پاختا يىپ زاۋۇتى ئىشچىلىرى ئىش تاشلىغان. سەۋەبى:ياپونىيە كاپىتالىستلىرى ئەر ئىشچىلارنى ئىشتىن بوشىتىپ، كىچىك ئوغۇل قىز بالا ئىشچىلارنى ئىشلىتىشكە باشلىغان ﻫەمدە ئىشچىلار ۋەكىلىنى تۇتۇپ تۇرغان. ئىش تاشلىغان ئىشچى 40 مىڭدىن ئاشقان.