guide
تارىختىكى بۈگۈن: 15- فېۋرال
يوللانغان ۋاقتى :
02-15
كۆرۈلۈشى:
2218 قىتىم
  1989-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىققان. بۇنىڭ بىلەن توققۇز يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇش ئاخىرلاشقان. بۇ ئەسكەر چېكىندۈرۈش 1988-يىلى 5-ئايدىن باشلانغان. بۇ قېتىملىق ئەسكەر چېكىندۈرۈش شەرق بىلەن غەرپنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىي بولۇشىدىكى توساقنى ئېلىپ تاشلىغان.
    1982-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز«تۇنجى تۈركۈمدىكى تارىخىي مەدەنىيەت شەﻫەرلىرى» نى ئېلان قىلغان. بۇ مەدەنىيەت شەﻫەرلىرىدە تارىخىي يادىكارلىقلار ساقلانغان بولۇپ، شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان. تۇنجى ئېلان قىلىنغان تارىخىي مەدەنىيەت شەﻫەرلەر:بېيجىڭ، چېڭدې، داتۇڭ، نەنجىڭ، سۇجۇ، خاڭجۇ، زۈنيى، يەنئەن، چۈفۇ، لوياڭ قاتارلىقلار.
    1942-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سىنگاپور ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. سىنگاپورنى قوغداۋاتقان ئەنگلىيە ئارمىيىسى شەرتسىز تەسلىم بولغان. ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئەنگلىيە ئەسكىرى 130 مىڭدىن ئاشقان. ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئاران 60 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر بار ئىدى.


    1564-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ياۋروپا يېقىنقى زامان تەبىئىي پەنلەر ئىلمىنى ياراتقۇچى، ئىتالىيە ئاسترونومىيە، فىزىكا ئالىمى گالىلىي ئىتالىيەنىڭ پىسا شەﻫىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىتالىيە پىسا ئۇنىۋېرسىتېتىدا 17 ياشلىق بىر بالا بولۇپ، ئۇ تەپەككۈر يۈرگۈزۈشكە ئامراق ئىدى. ئۇ دائىم ﻫەقىقەت ئەمەلىي كۈزىتىش، تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلىنىش كېرەك دەيتتى. 1586-يىلى ئۇ «ئېغىرلىق نەزىرىيىسى» نى ئېلان قىلدى. 1589-يىلى، گالىلىي داڭلىق پىسا يانتۇ مۇنارىدا دۇنيانى ﻫەيران قالدۇرغان ئەركىن چۈشكەن جىسىم ﻫەرىكىتى تەجرىبىسىنى ئىشلىگەن. ئۇ تۇنجى بولۇپ جىسىمنىڭ ئەركىن چۈشۈش قانۇنىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئىلىم ساﻫەسىدىكى مۇﻫىم نەتىجىلىرى رىم پاپاسى بىلەن دىنىي مۇرتلارنى غەزىپىنى قوزغىدى. ئۇنى تۈرمىگە سولىدى. 1989-يىلى رىم پاپاسى گالىلىينىڭ خاتا ئەيىپلەنگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. 347 يىلغا سوزۇلغان ئۇۋالچىلىق ئاخىرى ئادىل بىر تەرەپ قىلىندى.