تارىختىكى بۈگۈن: 14- فېۋرال
- يوللانغان ۋاقتى :
- 02-15
- كۆرۈلۈشى:
- 2142 قىتىم
1958-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇ ئېنلەي چاۋشيەنگە زىيارەتكە بارغان، جۇڭگو ﻫۆكۈمىتى ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى قارار قىلغان. چاۋشيەن ئۇرۇش توختاتقاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن چەتئەل ﻫەربىي كۈچلىرىنىڭ چاۋشيەننىڭ چېكىنىپ كېتىش تەكلىپىنى بەرگەن، بىراق ئامېرىكىنىڭ رەت قىلغان. جۇ ئېنلەينىڭ چاۋشيەنگە زىيارەتكە بېرىشتىكى مەقسىتى دەل ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئۈچۈن، ئېلىمىز ﻫۆكۈمىتى 1958-يىلىدىن بۇرۇن بارلىق ئەسكەرلەرنى ئۈچ تۈركۈمدە چاۋشيەندىن چېكىندۈرۈشنى قارار قىلغان.
1958-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىئوردانىيە بىلەن ئىراق ئەرەب بىرلەشمە فېدىراتسىيەسى قۇرۇلغان. 1958-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، مىسىر بىلەن سۈرىيە ئەرەب بىرلەشمە جۇمﻬۇرىيىتىنى قۇرغان. ئىئوردانىيە بىلەن ئىراق بۇ يېڭى قۇرۇلغان ئەرەب بىرلەشمە جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ ئۆزلىرىگە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېڭى فېدىراتسىيە قۇرماقچى بولدى، 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىراق پادىشاﻫى بىلەن ئىئوردانىيە پادىشاﻫى بىرلىشىپ«ئەرەب فېدىراتسىيەسى» قۇرغان.
1946-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى تۇنجى كومپيوتىر دۇنياغا كەلگەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئالىملاردىن زەمبىرەك يولىنى ﻫېسابلاشنى مەقسەت قىلغان ﻫېسابلاش ماشىنىسىنى كەشىپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ ماشىنىغا 18 مىڭ 800 ۋاكۇئۇم لامپىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 15.24 مېتىر، كەڭلىكى توققۇز مېتىر ئەتراپىدا. ئېغىرلىقى 30 توننا كېلىدۇ، بۇ ئالتە پىلنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن تەڭ، سىكۇنتىغا 5000 قېتىم ﻫېسابلىيالايدۇ، بۇ ماشىنا توققۇز يىل ئىشلىتىلگەن بولۇپ، توك سەرپىياتى بەك چوڭ.

بۈگۈن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى. ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ﻫەرخىل قاراشلار بار. بۇ بايرام ياۋروپا ۋە ئوكيانىيەدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بايرىمى بولۇپ، بۇ كۈندە رىمدىكى دىنىي مۇرت ۋەلىنتاين ئۆلتۈرۈلگەن. مىلادى 3-ئەسىردە، رىمنىڭ ئىقتىسادى زاۋاللىشىپ، ﻫۆكۈمرانلىق چىرىكلەشكەن، جەمئىيەت مۇقىم بولمىغان، كىشىلەر قارشىلىق كۆرسىتىشكە باشلىغان، ئاق سۆڭەكلەر خەلقنى ۋە خىرىستىيان دىنى مۇرتلىرىنى باستۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە ۋەلىنتاين ئىسىملىك بىر كىشىمۇ تۈرمىگە تاشلانغان، ئۇ تۈرمىدە تۈرمە باشلىقىنىڭ قىزىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ﻫەمدە ئۇنىڭ مۇﻫەببىتى تۈرمە باشلىقىنىڭ قىزىنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئۇلار بىر-بىرىنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدۇ. ۋەلىنتاين ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلىدۇ، ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا قىزغا خەت يازىدۇ، خېتىدە ئۆزىنىڭ گۇناﻫسىزلىقى ۋە قىزنى ﻫەقىقىي ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋەلىنتاين ئۆلتۈرۈلىدۇ، خىرىستىيان مۇرتلىرى ۋەلىنتايننىڭ ئادالەتنى ياقلايدىغان، مۇﻫەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىدىغان روﻫىنى خاتىرلەش ئۈچۈن بۇ كۈننى ئاشۇق مەشۇقلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن.