guide
تارىختىكى بۈگۈن:9-فېۋرال
يوللانغان ۋاقتى :
02-12
كۆرۈلۈشى:
1795 قىتىم
2009-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يېڭى بىناسىنىڭ قوشۇمچە بىناسىغا ئوت كەتكەن. ئالتە سائەت داۋاملاشقان ئوتتا بىر ئادەم قازا قىلغان، يەتتە ئادەم يارىلانغان. 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 12 گۇماندار قولغا ئېلىنغان، ئوت كېتىش سەۋەبى خەتەرلىك بۇيۇملار پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىكەن.



    1996-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېرلاندىيە جۇمﻬۇرىيىتى ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى، ئەنگلىيەدە پارتلاش بولدى. شۇ كۈنى، ئېرلاندىيە 17 ئايغا سوزۇلغان ئۇرۇشنىڭ توختىغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇ كۈنى يەنە لوندون شەﻫىرىدە ئاپتوموبىل پارتلاپ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى، ئىككى ئادەم ئۆلدى. ئىقتىسادىي زىيان 100 مىليون فوندستېرلىڭغا يەتتى. شىمالىي ئېرلاندىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسى يامانلىشىشقا باشلىدى، 10-فېۋرال ئېرلاندىيە جۇمﻬۇرىيىتى يۇقىرىدىكى پارتلاشقا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
    1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۇنجى نۆۋەتلىك «لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نى باﻫالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. «لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى»-جۇڭگونىڭ ﻫازىرقى زامان ئەدەبىيات ئەسەرلىرىنى ئىلﻬاملاندۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان. ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىياتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى يىلدا بىر قېتىم باﻫالىنىدىغان مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ﻫېكايىلەر مۇكاپاتى، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پوۋىست مۇكاپاتى، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر دوكلات مۇكاپاتى قاتارلىقلار بار.
    1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىزنىڭ گېنى يۆتكەلگەن قوي تەتقىقاتىدا زور بۆسۈش ﻫاسىل قىلىندى. شاڭخەي فېڭشىن ﻫايۋاناتلار تەجىربە مەيدانىدا، باشقا ئۆچكىلەرگە ئوخشىمايدىغان بىر ئۆچكە بار. بۇ ئۆچكە ئاجرىتىپ چىقارغان سۈتتە قاناشقا مايىللىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار كېرەكلىك بولغان قاننى ئۇيۇشتۇرغۇچى IXئاقسىلى بار. بۇ خىل ئاقسىل ئالاﻫىدە ئايرىپ چىقىش ئارقىلىق قاناشقا مايىللىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى داۋالايدىغان دورا ياسىغىلى بولىدۇ. بۇ ئېلىمىزنىڭ گېن يۆتكەش تەتقىقاتىدا مۇﻫىم ئىلگىرلەش ﻫاسىل قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.