تارىختىكى بۈگۈن:7-فېۋرال
- يوللانغان ۋاقتى :
- 02-12
- كۆرۈلۈشى:
- 1327 قىتىم
2001-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى شاڭخەي ﻫاياتلىق ئىلمى تەتقىقات ئورنى ئالىملىرى سۈت چىش گېنىنى غەلبىلىك كىلونلىغان. بۇ نەتىجە ئېلىمىزنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ئېرسىيەت كېسەللىكى تەتقىقاتى ۋە ئىنسانىيەت ئېرسىيەت كېسەللىكى گېنىنىڭ كىلونلاش ساﻫەسىدە يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. ئېرسىيەتلىك سۈت چىشى كېسەللىكى كۆپ ئۇچرايدىغان ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى. بۇ خىل كېسەل ئەمەلىيەتتە چىشنىڭ مېنىراللىشىشىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى بولۇپ، بۇ گېننىڭ كىلونلىنىشى بۇ كېسەلنى داۋالاشقا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.
1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەتلىك مائارىپ كومىتېتى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مائارىپىنى تەڭشىگەن. ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش بېسىمى بەك يۇقىرى بولۇش-مائارىپ ساﻫەسىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان بىر مەسىلە. دۆلەتلىك مائارىپ كومىتېتى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بىر قىسىم مائارىپ مەزمۇنلىرى ۋە ئوقۇتۇش تەلىپىنى تەڭشىدى، ئوقۇتۇش جەريانىدىكى يېتەكچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش بېسىمىنى يېنىكلەتتى.
1989-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پولشانىڭ «يۇمىلاق ئۈستەل» يىغىنى ئېچىلغان. ئۇزۇن مەزگىل تەييارلىق قىلىنغان«يۇمىلاق ئۈستەل» يىغىنى-پولشا سىياسىي پارتىيىسى بىلەن قارشى سىياسىي ۋەكىللەر ۋە ﻫەر قايسى ساﻫەدىكى داڭلىق كىشىلەردىن بولۇپ 57 كىشى يۇمىلاق ئۈستەل ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى توغرىسىدا كېڭىشكەن. يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنى ئېچىشنى پولشا ﻫۆكۈمىتى 1988-يىلى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان.
1956-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت ئىشلىرى مەﻫكىمىسى«ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش» بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. ئورتاق تىل-بېيجىڭ تىلىنى ئۆلچەم، شىمالنىڭ سۆزىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

1908-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، شاڭخەي تۇنجى قېتىم رېلىسلىق تىرالىبۇسنى سىناق قىلغان.