guide
تارىختىكى بۈگۈن:3-يانۋار
يوللانغان ۋاقتى :
02-07
كۆرۈلۈشى:
1405 قىتىم
    1990-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پانامانىڭ سابىق مۇداپىيە ﻫەربىي قوماندانى نوريېگا ئامېرىكىغا يالاپ ئېلىپ بېرىلگەن. 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئامېرىكا مۇﻫاجىرلارنىڭ زوراۋانلىق تەﻫتىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى باﻫانە قىلىپ، پاناماغا ئەسكەر كىرگۈزۈپ، نوريېگانى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلىغان. نوريېگاغا سادىق ئارمىيە قايتۇرما زەربىگە ئۆتكەن، زۇڭتۇڭ ۋاتىكان ئەلچىخانىسىغا بېرىۋالغان، نوريېگانىڭ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇق بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ﻫۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا تەختكە چىققان، بىراق ئاللىقاچان ئامېرىكىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغان، جورج بوش مۇنداق دېدى: نوريېگانىڭ ئامېرىكىدا قىلغان زەﻫەر ئەتكەسچىلىكى جىنايىتىگە بېرىلگەن جازانى كۆرۈشنى خالايمەن.    1984-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۇنىستىكى يېمەكلىك باﻫاسىنىڭ ئۆسۈش مەسىلىسى توپىلاڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان. پۈتۈن مەملىكەت جىددىي ﻫالەتكە ئۆتۈپ، مەملىكەتتە كېچىدە يۈرۈش مەنئىي قىلىنغان.    1946-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كومپارتىيىسى، گومىنداڭ ۋە ئامېرىكا ئۇرۇش توختىتىش ئورگىنى قۇرۇشنى مەسلىﻬەتلىشىپ بېكىتكەن. جۇ ئېنلەي مارشالغا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ مارشالنىڭ ئۇرۇش توختىتىش، قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلىلەردە كېلىشىم ﻫاسىل قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇندىن بۇرۇن، مارشال: ئەگەر جۇڭگو كومپارتىيىسى ﻫۆكۈمەتنىڭ ئۈچ تەرەپلىك مەسلىﻬەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى قوبۇل قىلسا، گومىنداڭ، كوممۇنىستىك پارتىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئۈچ تەرەپنىڭ بىردىن ئادەم چىقىرىپ، كومىتېت تۈزۈپ، ئۇرۇش توختىتىتىدىغانلىقى، قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقى تەكلىپىنى بەرگەن.    ئوڭدىن سولغا جۇ ئېنلەي، مارشال، جاڭ جىجۇڭ