guide
تارىختىكى بۈگۈن:4-يانۋار
يوللانغان ۋاقتى :
02-07
كۆرۈلۈشى:
1897 قىتىم
    1973-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كانادانىڭ مونترېئال مۇزىيى ئوغرىلانغان. شۇ كۈنى كانادا مونترېئال مۇزىيىدىكى 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى سەنئەت ئەسىرى ئوغرىلانغان، ئۇنىڭ بىرى 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى رېمبراندنىڭ ئەسىرى.
    1969-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېرقىي كەمسىتىشنى يوقىتىش شەرتنامىسى كۈچكە ئىگە بولغان. 1965-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا بۇ شەرتنامە تەستىقلانغان ﻫەمدە ﻫەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن 1969-يىلى بۈگۈنكى كۈندە كۈچكە ئىگە بولغان. شەرتنامىدا ئېرىق، تېرىنىڭ رەڭگى، قان سېستىمىسىگە ئاساسەن، كىشىلەر پەرقلىنىدۇ دېيىلگەن. بىراق بۇ پەرققە ئاساسەن ﻫەر قانداق ئېرىقنى كەمسىتىشكە، چەكلەشكە، ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت جەﻫەتتە بەﻫرىمان بولىدىغان ﻫوقۇقلىرىنى چەكلەشكە بولمايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ئىشلار كومىتېتى 1981-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى قارار چىقىرىش ئارقىلىق، ئېرقىي كەمسىتىشنى يوقىتىش شەرتنامىسىغا قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرگەن.
    1960-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ياۋروپا ئەركىن سودا بىرلەشمىسى قۇرۇلغان. 1959-يىلى 11-ئايدا،ئەنگلىيە، شۋېتسىيە، دانىيە، نورۋىگىيە، شۋېتسارىيە، ئاۋستىرىيە، پورتىگالىيە بىرلىشىپ ياۋروپا ئەركىن سودا بىرلەشمىسىنى قۇرغان. 1960-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، يەتتە دۆلەت ستوكﻬولىمدا «ئەركىن سودا بىرلەشمىسى ئەﻫدىنامىسىنى» ئىمزالىغان. فىللاندىيە 1961-يىلى 6-ئايدا ئەزا دۆلىتى بولغان، ئىسلاندىيە 1970-يىلى بىرلەشمىگە كىرگەن. بۇ ئەﻫدىنامىدا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانائەت بۇيۇملىرى ۋە باشقا سودا بۇيۇملىرىنىڭ بېجىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئەركىن سودىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېﻬقانچىلىق مەﻫسۇلاتلىرىنىڭ سودىسىنى كېڭەيتىش بېكىتىلگەن.