guide
تارىختىكى بۈگۈن:5-يانۋار
يوللانغان ۋاقتى :
02-07
كۆرۈلۈشى:
1252 قىتىم
    1938-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىسپانىيە پادىشاﻫى خۇۋان كارلوس رىمدا تۇغۇلغان. كارلوس دادىسىغا ئەگىشىپ، ئىتالىيە، شىۋېتسارىيە، پورتىگالىيە قاتارلىق يەرلەردە تۇرغان، كارلوس ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ﻫەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان. 1960-يىلى ئۇ مادرىد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسەت، پەلسەپە، تارىخ، ئەدەبىيات، خەلقئارا قانۇن كەسپلىرىدە ئوقۇغان. كارلوس 1975-يىلى 11-ئايدا تەختكە ئولتۇرغان. ئۇ «ئىسلاﻫات» ۋە «دىموكراتىيە» نى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇ 1978-يىلى 6-ئايدا، 1995-يىلى 3-ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان.

    1919-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فاشىست پارتىيىسى-گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى ميۇنخېندا قۇرۇلغان. گېتلىر 1919-يىلى 9-ئايدا گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرىپ، تەشۋىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. رەسىمدە گېتلىر ميۇنخېنغا ۋەكىل بولۇپ، دۆلەتلىك سوتسىيالىستلار يىغىنىغا قاتناشقان، X بەلگىسى بولغىنى گېتلىر.

    1914-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فورت شىركىتى ئىشچىلارنىڭ ﻫەر كۈنلىكىگە بەش ئامېرىكا دوللىرى قوشۇپ بېرىپ، مەﻫسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرغان. فورت شىركىتى يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى ئىككى ئىسمىنا ۋاقتىنى ئۆزگەرتىپ، ﻫەربىر ئىسمىنانىڭ ۋاقتىنى توققۇز سائەتتىن قىلغان، كېچىدىكى ئىسمىنانى ئۈچ قېتىم ئالمىشىشقا بۆلگەن، بۇنىڭ بىلەن نەچچە مىڭ ئىش ئورنى ۋۇجۇدقا كەلگەن. بۇ پىلاندا بىرەر خىزمەتچىنىڭ ئىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولمىسىلا، ئىشتىن بوشىتىشقا يول قويۇلمايدىغانلىقى بېكىتىلگەن.

    1896-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بېرلىن فىزىكا ئىلمى يىغىنىدا رېنتىگىن نۇرىنىڭ رەسىملىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغان، بۇنىڭ بىلەن رېنتىگىن نۇرى ئاشكارىلانغان. بۇ ئۇلۇغ بايقاش تېزلا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. رېنتىگىن نۇرىنى گېرمانىيەنىڭ فىزىكا ئالىمى ۋېللىيام كونراد رېنتىگىن تەجىربە ئىشلەۋېتىپ تۇيۇقسىز بايقاپ قالغان. رېنتىگىن 1845-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى گېرمانىيەنىڭ لېننېپ شەﻫىرىدە دۇنياغا كەلگەن. زۇرىك ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە كەسپىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1888-يىلىدىن باشلاپ، ئۇنىۋېرسىتېتتا فىزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ پىراففىسورى بولغان. 1901-يىلى تۇنجى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

    رېنتىگىن نۇرى


    رېنتىگىن