تارىختىكى بۈگۈن:6-يانۋار
- يوللانغان ۋاقتى :
- 02-07
- كۆرۈلۈشى:
- 1393 قىتىم
1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز دۇنيادا تۇنجى بولۇپ، شال گېن گۇرۇپپىسىنىڭ فىزىكىلىق گرافىكىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئېلىمىزنىڭ ﻫاياتلىق ئىلمى ساﻫەسىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇﻫىم بۆسۈش خارەكتىرلىك نەتىجىسى. ئېلىمىز پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ گېن تەتقىقات ئورنى ئۈچ يىل تىرىشىپ، شالنىڭ 12-خىروموسۇمىدىكى BAC ئامبىرى ئارقىلىق بۇ گرافىكنى سىزىپ چىققان. بۇ شالنىڭ ئېرسىي ئۇچۇرىنىڭ سىرىنى بىلىش ۋە دېﻬقانچىلىق زىرائەتلىرى ئۈچۈن زور تۆﻫپە قوشتى.
1986-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ «دەۋر» ژۇرنىلى دېڭ شياۋپىڭنى شۇ يىللىق تۇنجى ساننىڭ مۇقاۋىسىغا چىقارغان. «دەۋر» ژۇرنىلى ﻫەر يىلى يىلنىڭ بېشىدا ئالدىنقى يىلدىكى دۇنياغا زور تەسىر كۆرسەتكەن شەخسنى تۇنجى ساننىڭ مۇقاۋىسىغا چىقىراتتى. «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەﻫرىرى مۇنداق دېگەن: دېڭ شياۋپىڭنىڭ مۇقاۋىغا چىقىشىدا بىر قانچە سەۋەب بار: ئۇ جۇڭگودا يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەتنى يولغا قويۇپ، دۇنيادىكى نوپۇسنىڭ 1/4 نىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغان. بۇ ئۆزگىرىش دۇنيادىكى باشقا سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر ۋە 3-دۇنيا ئەللىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

1961-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فرانسىيە خەلقى ئالجىرىيەنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى بېلەت تاشلاپ قوللىغان. 1961-يىلى 6-يانۋاردىن 8-يانۋارغىچە، %70 تىن ئارتۇق فرانسىيەلىك ئالجىرىيەنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا ئالجىرىيەنىڭ قاچاق ﻫۆكۈمىتى بىلەن سۆﻫبەت ئۆتكۈزگەن. كۆپلىگەن سولچىللار بېلەت تاشلاش ﻫوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. %40 دىن ئارتۇق ئالجىرىيەلىك سايلامغا قاتناشمىغان.

1884-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ﻫازىرقى زامان ئېرسىيەت ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى مېندېل ۋاپات بولغان. مېندېل ئاۋستىرىيەلىك بىئولوگىيە ئالىمى، 1822-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇ بۇرۇن پوپ بولغان، لېكىن ئۇنىڭ تەتقىقات ئىلمى نەتىجىسى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ياخشى باﻫاسىغا ئېرىشكەن. مېندېل 1865-يىلى داڭلىق ئېرسىيەت قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بىراق ئىلىم پەن ساﻫەسىنىڭ دىققىتىنى ئانچە قوزغىمىغان، 1884-يىلى بۈگۈنكى كۈندە مېندېل ۋاپات بولغان، ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىمۇ بارا-بارا ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان. 16 يىلدىن كېيىن يەنى 1900-يىلى، ئۈچ ئالىم مېندېلنىڭ ئېرسىيەت قانۇنىيىتىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن مېندېلنىڭ قانۇنىيىتى دۇنيادا نەتىجە قازىنىشقا باشلىغان. مېندېلنىڭ ئېرسىيەت قانۇنىيىتى ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، بىرى: ئايرىلىش قانۇنىيىتى، يەنە بىرى:مۇستەقىل بىرىكىش قانۇنىيىتى.