تارىختىكى بۈگۈن:10-يانۋار
- يوللانغان ۋاقتى :
- 02-07
- كۆرۈلۈشى:
- 1220 قىتىم
1971-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فرانسىيەنىڭ داڭلىق مودا كىيىم لايىﻬىلىگۈچىسى Gabrielle Chanel پارىژدا 87 يېشىدا ۋاپات بولغان، ئۇ دۇنيا مودا ساﻫەسىنىڭ خانىشى بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا داڭ چىقىرىشقا باشلىغان. 1913-يىلى Gabrielle Chanel خانىم فرانسىيە پارىژدا Chanel شىركىتىنى قۇرغان. Chanel نىڭ مەﻫسۇلات تۈرى ئىنتايىن كۆپ. كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت، گىرىم بۇيۇملىرى، ئەتىر قاتارلىقلار، مەيلى قايسى خىل مەﻫسۇلاتى بولسۇن ﻫەممىسى دۇنياغا داڭلىق. بولۇپمۇ Chanelئەتىرلىرى بىلەن كىيىملىرى كىشىلەرنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ. بەزىلەر ئەتىرلەرنى بىر قېلىپتا ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى بويىچە تەڭشىلىدۇ دەپ ئويلايدۇ. لېكىن Chanel شىركىتىدىكى ئەتىر تەڭشىگۈچى مۇتەخەسىسلەر پۇراش، كۆرۈش، ئاڭلاش، ئۇچرىشىش قاتارلىق سەزگۈلەر بىلەن جىسمانىي، روﻫىي جەﻫەتتىن ﻫەربىر تۈردىكى ئەتىرنىڭ كىشىگە بېرىدىغان تۇيغۇسىنى مۆلچەرلەيدۇ. 5Chanel-نومۇرلۇق ئەتىر «Chanel» ئەتىرلىرىنىڭ تۇنجى شۇنداقلا داڭلىق تۈرلىرىنىڭ بىرى. 5 دېگەن سان ئەتىر ساﻫەسىدىكى خاسىيەتلىك سان بولۇپ، گۈزەللىكنى ئىپادىلەيدۇ. 5Chanel-نومۇرلۇق ئەتىر دەل تەڭشىگۈچى مۇتەخەسىسنىڭ پۇراش سېزىمىغا ئاساسەن تەڭشىلىپ، ئەتىرنىڭ كىشىلەرنىڭ پۇراش سېزىمىغا ماس كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنغان. «Chanel» ئەتىرلىرى كىشىلەرگە نەپىس، راﻫەت، ﻫەشەمەتلىك تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. «Chanel» ئەتىرلىرىنىڭ باﻫاسى 1000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ، گەرچە باﻫاسى بىر قەدەر قىممەت بولسىمۇ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق فرانسىيەنىڭ ﻫەقىقىي كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان پۇراقلاردىن ﻫۇزۇر ئالالايسىز. «Chanel» شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى تارماق سېتىش دۇكانلىرى بېيجىڭ شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەﻫەرلەردە بولۇپ، جۇڭگودىكى باش شىركىتى شاڭخەيدە.

1957-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مەكمىللان ئېدىننىڭ ئورنىغا ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولغان. ئايال پادىشاﻫ ئېلزابىت Ⅱ كونسىرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقى مەكمىللاننى ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى قىلىپ تەيىنلىگەن. ئۇ شۇ ۋاقتىدا 62 ياش بولۇپ، مالىيە ۋەزىرى ئىدى، مەكمىللان سالامەتلىكى يار بەرمىگەن سابىق باش ۋەزىر ئېدىننىڭ ئورنىغا چىققان، ئۇنڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئىشى-سۈۋەيىش قانىلىغا تاجاۋۇز قىلىش سەۋەبلىك ناچارلاشقان ئامېرىكا-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش.
1946-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1-نۆۋەتلىك 1-قېتىملىق يىغىنى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن. 51 ئەزا دۆلەت يىغىنغا قاتناشقان، بېلگىيىلىك پائۇل سىپاك يىغىن رەئىسلىكىگە سايلانغان، 1-فېۋرال، نورۋىگىيەلىك تىرىگىۋ لاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى كاتىپىلىقىغا سايلانغان.
1920-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارا بىرلەشمە ئىتتىپاقى قۇرۇلغان. 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم كاپىتالىستلىرى ۋە تىنچلىق ئىتتىپاقىدىكىلەر خەلقئارالىق ماجرالارنى ﻫەل قىلىدىغان ئورگان قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇنداق قىلىپ 1920-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارا بىرلەشمە ئىتتىپاقى قۇرۇلغان. خەلقئارا بىرلەشمە ئىتتىپاقىنىڭ باشتا 44 ئەزا دۆلىتى بار بولۇپ، كېيىن 63 دۆلەتكە كۆپەيگەن. باش شىتابى جەنۋەدە. جۇڭگو 1920-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ ئىتتىپاققا ئەزا بولغان.