تارىختىكى بۈگۈن:11-يانۋار
- يوللانغان ۋاقتى :
- 02-07
- كۆرۈلۈشى:
- 945 قىتىم

1966-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىندىرا گەندى ﻫىندىستاننىڭ زۇڭلى بولغان. ﻫىندىستاننىڭ زۇڭلى شاستارى پاكىستان زۇڭتۇڭى ئايۇپخان بىلەن تاشكەنت كېلىشىمىنى تۈزگەندىن كېيىن، يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىندىرا گەندى دۆلەتنىڭ ﻫاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ رەﻫبىرى، دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. ئىندىرا گەندى ئۆزىنىڭ تاشكەنت كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ 1984-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى قەستكە ئۇچرىغان.
1946-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئالبانىيە خەلق جۇمﻬۇرىيىتى قۇرۇلغان. ئالبانىيە 1939-يىلى 4-ئايدا ئىتالىيە تەرىپىدىن بېسىۋىلىنغان، شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىتالىيە بىلەن بىرلەشكەن. 1943-يىلى گېرمانىيە بېسىۋالغان. 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئالبانىيە ئازاد بولغان.

1868-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، يېقىنقى زامان مائارىپچىسى سەي يۈەنپېي تۇغۇلغان. ئۇ سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن نەنجىڭ ۋاقىتلىق ﻫۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرى بولغان. 1917-يىلى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولغان، لى داجاۋنىڭ يېڭى مائارىپ ﻫەرىكىتىنى قوللىغان. 18-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپونغا قارشى تۇرغان. كېيىن شياڭگاڭدا ئولتۇراقلاشقان. 1940-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى كېسەل بىلەن دۇنيادىن ئۆتكەن.