guide
تارىختىكى بۈگۈن:12-يانۋار
يوللانغان ۋاقتى :
02-07
كۆرۈلۈشى:
1163 قىتىم
    2010-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ﻫايتىدا يەتتە بال يەر تەۋرىگەن. پايتەخت شاﻫزادە پورتى ۋە مەملىكەتنىڭ كۆپ جايلىرىدىكى ئاپەت ئەﻫۋالى ئېغىر بولۇپ، 113 مىڭ ئادەم قازا قىلغان، 196 مىڭ ئادەم يارىلانغان. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەت ﻫەرىكەتكە كېلىپ، ﻫايتىغا ياردەم قولىنى سۇنغان. بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش 1770-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىرى ﻫېسابلىنىدۇ.

    1972-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، نيۇ يوركتىكى كوكا كولا شىركىتى مەسىلە چىققان ئۈچ مىليون ئىچىملىكنى يىغىۋالغان. يىغىۋېلىشتىكى مەقسىتى كونسېرۋا قېپىنىڭ ئاليۇمىن ئاغزى بۇلغانغان.
    1970-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، نىگىرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقان. ئىچكى ئۇرۇش 31 ئاي داۋاملاشقان بولۇپ، ئىككى مىليون كىشى ماكانسىز قالغان، ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا خەلقئارا جەمئىيەت ﻫەر كۈنى ئاخشىمى نەچچە ئون ئايروپىلان ئارقىلىق خەلققە يېمەكلىك تارقاتقان. بىراق يەنىلا ﻫەر كۈنى نەچچە مىڭ كىشى ئاچلىقتىن ئۆلگەن.

    نىگىرىيەدىكى ئاچلىقتا قالغان خەلق
    1922-يىلى شياڭگاڭدىكى ماتروسلار ئىش تاشلىغان. 1921-يىلى جۇڭگو كومپارتىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىشچىلار ﻫەرىكىتىگە رەﻫبەرلىك قىلىشقا ئىنتايىن ئەﻫمىيەت بەرگەن. شياڭگاڭدىكى جۇڭگولۇق ماتروسلار ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئېزىشى ئاستىدا تۇرمۇشى ئىنتايىن جاپالىق ئۆتكەن. 1922-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى شياڭگاڭلىق ماتروسلار ئىش ﻫەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئەنگلىيە كاپىتالىستلىرى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىش تاشلىغان. ئىش تاشلىغانلار ئىككى، ئۈچ تۈمەنگە يەتكەن، ساقچىلار ئىش تاشلاشتا باشلامچى بولغانلارنى تۇتقان، بىراق بۇنىڭ بىلەن ئىش تاشلاش توختاپ قالمىغان، تاكى 3-ئايغىچە داۋاملاشقان. ئاخىرى ئۇلارنىڭ مائاشى %15-%30 كىچە ئۆستۈرۈلگەن، بۇنىڭ بىلەن ئىش تاشلاش ئاخىرلاشقان.