
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-28
- كۆرۈلۈشى:
- 1419 قىتىم
ئەپ ئىسمى: جىڭدۇڭ تور شەﻫەرچىسى
ئەپ تۈرى: خىزمەت-سودا ئەپلىرى
تەۋسىيە دەرىجىسى: 0
يوللانغان ۋاقتى: 2014-11-28
ئەپ ھەققىدە: «جىڭدۇڭ تور شەﻫەرچىسى» جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ توردىن مال سېتىۋېلىش سۇپىسى. ماللار ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، سفىرلىق ئالاقىلىشىش قوراللىرى، كومپيۇتېر، تۈرلۈك ماللار، كىيىم-كېچەك ۋە زىبۇ-زىننەت، بوۋاقلار ئىﻬتىياجلىقلىرى، كىتاب، يىمەك-ئىچمەك قاتارلىق 12 خىل تۈرگە بۆلىنىدۇ. ماللارنىڭ تۈرى ۋە سانى كۆپ، سۈپىتى ئىشەنچىلىك، مال يەتكۈزۈش سۈرىتى تېز بولۇپ، ئاممىنىڭ توردىن مال سېتىۋېلىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشى. بۇ ئەپنىڭ تالون كىسىش، تالون تەكشۈرۈش، مال ئىزدەش، تالوننى ئاپتاپقا يىيىش، مەﻫسۇلاتقا باﻫا بىرىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بولۇپلا قالماي يەنە تېخى يانفوندا ئىشلىتىشكە ماس كىلىدىغان «تاياقلىق كود ئارقىلىق سېتىۋېلىش»، «ئەركىن مال سېتىۋېلىش» ۋە «تالون ئەسكەرتىش» قاتارلىق ئالاﻫىدە ئىقتىدارلىرى بار. ئالاﻫىدىلىكى:1. مەﻫسۇلات ئىزدەش، تالون كىسىش، تالون تەكشۈرۈش، مەﻫسۇلاتقا باﻫا بىرىش، تالوننى ئاپتاپقا يىيىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار؛2. مال باﻫاسىنى سىلىشتۇرۇش. سىز كەررىفور، ۋولمارت، گومي، سۇنىڭ قاتارلىق تاللا بازىرى ياكى زەنجىرسىمان دۇكاننىڭ خالىغان بىرىگە كىرىپ، مال باﻫاسىنىڭ تاياقلىق كودىغا ئۇدۇللاپ بىرنى چەكسىڭىزلا مال باﻫاسىنى سىلىشتۇرۇش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز؛3. رەسىمگە تارتىپ مال سېتىۋىلىش، ئەركىن مال سېتىۋېلىش، ئاۋازلىق مال سېتىۋېلىش، كوللىكتىپ مال سېتىۋېلىش ۋە يانفونغا پۇل قاچىلاش قاتارلىق ئالاﻫىدە ئىقتىدارلىرى بار.