guide
guide
سوخۇ فىلىم كۆرگۈچ
يوللانغان ۋاقتى :
11-28
كۆرۈلۈشى:
868 قىتىم

سوخۇ فىلىم كۆرگۈچ

ئەپ ئىسمى: سوخۇ فىلىم كۆرگۈچ

ئەپ تۈرى:  كۆڭۈل ئىچىش ئەپلىرى

تەۋسىيە دەرىجىسى: 0

يوللانغان ۋاقتى: 2014-11-28

ئەپ ھەققىدە: «سوخۇ فىلىم كۆرگۈچ» بولسا سوخۇ شىركىتى 2013-يىلى بازارغا سالغان تۇنجى يۈرۈش يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى فىلىم قويغۇچ دېتال. سوخۇ فىلىملىرى كەڭ ئابونتلارنى سانسىزلىغان كىنو-تېلېۋىزىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، سىز بارىلىق كىنولارنى ﻫەقسىز كۆرەلەيسىز ﻫەم چۈشۈرۈپ ساقلىيالايسىز، بۇ ئەپ يەنە 2D ۋە 3Dنى ئاسان ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان ئۆزگىچە قويۇش ئۇسۇلىنى ياراتتى. پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان سۈرئەتنى تېزلىتىش ئۇسۇلى بىلەن مول مەزمۇنلۇق كىنو-تېلېۋىزىيەلەر بىرلىشىپ بۇ ئەپتە فىلىم كۆرۈشنى تېخىمۇ تېزلەشتۈردى، قولايلىقلاشتۇردى ﻫەمدە قىزىقارلىقلاشتۇردى. بۇ ئەپ يەنە سوخۇ فىلىملىرىنى ﻫەقسىز چۈشۈرۈش ئىقتىدارىنىمۇ قوللايدۇ.ئالاﻫىدىلىكى:1. توردا فىلىم قويۇش: «سوخۇ فىلىم ئەپى»نى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىزلا ﻫەرقايسى تور بەتلەردىكى بارىلىق ۋىدىئولارنى چۈشۈرگىلى ۋە قويغىلى بولىدۇ، يوۋكۇ، تۇدوۋ قاتارلىق تور بەتلەرگە ئايرىم چىقىشنىڭ زۆرۈرىيتى يوق.2. تور تېلېۋىزورىنى بىۋاستە قويۇش: ئۆيىڭىزدە تېلېۋىزور بولمىسا ﻫىچ ۋەقەسى يوق، «سوخۇ فىلىم ئەپى»نىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسى فىلىملىرىنى بىۋاستە قويۇش ئىقتىدارلىرى بار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۈز نەچچە قانالنىڭ ﻫەممىىنى بىمالال قويغىلى بولىدۇ. 3. بىلوگقا فىلىم يوللاش: «سوخۇ فىلىم ئەپى»دىن فىلىملەرنى سوخۇ بىلوگىغا بىۋاستە يوللىغىلى ۋە ﻫەمبەﻫىرلىگىلى بولىدۇ، تور بەتنى ئىچىشنىڭ ﻫاجىتى يوق، كۆپ مەزمۇننى بىراقلا يوللاش ۋە ئۈزۈپ يوللاش ئىقتىدارى بار، قولايلىق ﻫەم سۈرئىتى تېز.4. فىلىملەرنى ﻫەقسىز چۈشۈرۈش: فىلىملەرنى توردا كۆرسىڭىزمۇ؟ ياكى ياقتۇرغان فىلىملەرنى كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرۈپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ.