guide
guide
ئوپچە رەسىمگە تارتىش ئاپپاراتى
يوللانغان ۋاقتى :
11-28
كۆرۈلۈشى:
1497 قىتىم

 ئوپچە رەسىمگە تارتىش ئاپپاراتى

ئەپ ئىسمى: ئوپچە رەسىمگە تارتىش ئاپپاراتى

ئەپ تۈرى:  قورال ئەپلەر

تەۋسىيە دەرىجىسى: 0

يوللانغان ۋاقتى: 2014-11-28

ئەپ ھەققىدە: ﻫەربىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم بىر ئۈن-تىنسىز قوللايدىغان ئايال بولىدۇ، ﻫەربىر پارچە ئىسىل رەسىمنىڭ ئارقىسىدىمۇ بىر ئۇستا فوتوگراف بار. بولۇپمۇ ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىللە رەسىمگە چۈشكەندە، بەزىدە ئۈچ پۇتلۇق جازا بولماي ۋە ياكى ياردەملىشىپ رەسىمگە تارتىپ قويغىلى ئادەم يوق ئەﻫۋاللاردا، چوقۇم بىر ئادەم رەسىمنىڭ ئارقىسىدا يوشۇرنۇپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. ئەمما مەزكۇر دېتال بازارغا سىلىنغاندىن باشلاپ پەردە ئارقىسىدىكى قەﻫرىمان بولۇشنىڭ زۆرۈرىيتى قالمىدى.ئاددىي قىلىپ ئىيتقاندا بۇ دېتال رەسىم بىرىكتۈرىدىغان قورال. فوتوگراف ئىككى پارچە رەسىمگە تارتىدۇ، بىرىنچى پارچە رەسىمنى تارتىپ بولغاندىن كىيىن، مەنزىرە رامكىسىدا بىرىنچى پارچە رەسىمنىڭ كۆلەڭگۈسى پەيدا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا فوتوگرافنىڭ ئورنى بىلەن كۆلەڭگۈنىڭ ئورنىنى ئۈستىمۇ ئۈست چۈشۈرۈپ ئىككىنچى پارچە رەسىمنى تارتىدۇ. رەسىمنى بىرتەرەپ قىلىش جەريانىدا ئىككىلا پارچە رەسىمدىكى فوتوگرافنى تاللىغاندىن كىيىن دېتال بۇ ئىككى پارچە رەسىمنى ئاپتوماتىك ﻫالدا بىرلەشتۈرىدۇ. بۇ دېتال خەنزۇچە قوللايدۇ، چوقۇم ئۈچ ئادەم ئىشلىتىش كېرەك دېگەن گەپ يوق، ئىككى ئادەممۇ بۇ دېتالدىن پايدىلىنىپ ئوپچە رەسىمگە چۈشەلەيدۇ.