ئىسمى: ﻫەجەرخان قاسىم (پالىك)
تۈرى: يوقاپ كەتكەنلەر
جىنسى :ئايال
يىشى: 59 ياش
يۇرتى: نىيا ناﻫىيە نىيا يېزا
كىملىك نومۇرى: 653227195607090522
يوقاپ كەتكەن ئورنى: ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپى (پولات كۆز كىسەللىكلىرى دۇختۇرخانىسىنىڭ ئالدى )
يوقاپ كەتكەن ۋاقت: 2014-يىلى 8- ئاينىڭ 22- كۈنلىرى (ئالدى كەينىدە)
ئائىلە تاۋاباتى تىلىفۇنى: 18094886814 ، 18094886894
تەپسىلاتى: ئانىمىز 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 22- كۈنلىرىنىڭ ئالدى كەينىدە ئۈرۈمچى شەﻫرى بۇغدا كۈلى يولىدىكى پولات كۆز كىسەللىكلىرى دۇختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدىن يۇقاپ كەتكەنچە بۈگۈنگە قەدەر ئىزدىرىكىنى ئالالمىدۇق. ئانىمىزنىڭ ئاي ئاتلاپ قوزغىلىۋالىدىغان روﻫى خاراكتىرلىك ئىسىنى يوقىتىش كىسىلى بار ئىدى . كىسىلى تۇتقاندا ئۈزىنىڭ گەپ -سۆز ۋە ئىش ﻫەركىتىنى باشقۇرالمايدۇ. توختىماستىن سۆزلەيدۇ. ناخشا ئېيتىپ ، ئۇسۇل ئويناپ تۇرىۋالىدۇ. ئىككى-ئۈچ كۈن بىر نەرسە يىمەيدۇ. ماغدۇرسىزلىنىپ ئۇخلاشقا باشلايدۇ ، چۈشىدىن ئويغىنالماي قارا باسىدۇ ، قارا باسقاندا بەدەنلىرى قېتىشىۋالىدۇ. ئەسلىگە كەلگەندە ئاساسى جەﻫەتتىن نۇرمال ﻫالەتكە كىلىدۇ. بويى پاكار ، ئۇرۇق ، قارامتۇل ، تەن ساپاسى ئاجىز . يۇقاپ كەتكەن شۇ كۈنى ئۇنىڭ كېسىلى قوزغىلىۋالغان . كۆرگۈچىلەرنىڭ دىيىشىچە ئۇنى مەلۇم پاراۋانلىق ئورنىنىڭ ماشىنىسىغا چىقىرىپ ئېلىپ كەتكەن .قايسى ئورۇننىڭ ماشىنىسى ئىكەنلىكىنى ، ماشىنىڭ نومۇرىنى سۈرۈشتە قىلالمىدۇق. ئۈرۈمچى شەﻫرىدىكى بىرنەچچە ياشانغانلارغا غەمخورلۇق يەتكۈزۈش خارەكتىرىدىكى پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا بېرىپ سۈرۈشتە قىلدۇق. ﻫۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلدۇق. ئەپسۇس ، بۈگۈنگىچە ﻫىچقانداق ئىزدىرىگى چىقمىدى. شۇ سەۋەپتىن قېرىنداشلارنىڭ يول كۆرسىتىشىنى ، ياردەم قىلىشىنى ئىستەپ بۇ ئۇچۇرنى يوللىدۇق. رەﻫمەت . 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى
يوللانغان ۋاقتى: 2015-02-05
ئاقيول تورىدىن سەمىمى ئەسكەرتىش:
بۇ ئادەم ئىزدەش ئىلانى ھازىرغىچە1
قىتىم كۆرۈلۈپ بولدى،بىراق ﻫەجەرخان قاسىم (پالىك) تىخىچە تىپىلمىدى،ﻫەجەرخان قاسىم (پالىك) نىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تىزراق جەم بولۇشى ئۈچۈن بۇ توربەتنىڭ ئادىرسىنى چ چ ۋە ئۈندىداردا دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتىپ بىرىڭ،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
ئاقيول تور بىكىتىنىڭ سىز كۆرۈۋاتقان مەزكۇر ئادەم ئىزدەش قانىلى كەڭ قىرىنداشلارغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ھەقسىز ئىچىۋىتىلدى،مەزكۇر يوقاپ كەتكۈچىنى ئۇچراتقان بولسىڭىز ئائىلە تاۋاباتىنىڭ ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى 18094886814 ، 18094886894 بىلەن ئالاقىلىشىڭ ياكى بىۋاستە 18097975477 نومۇرلۇق تىلىفۇن ئارقىلىق ئاقيول تورىنىڭ بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلشىىڭ!
يوللانغان ۋاقتى: 2015-02-05