guide
قۇمۇل راۋابى ۋە ئۇنىڭ ياسىلىشى
يوللانغان ۋاقتى :
11-19
كۆرۈلۈشى:
1826 قىتىم

قۇمۇل راۋابىمۇ قەدىمكى راۋابلارنىڭ بىرى بولۇپ،ياسىلىش شەكلى چوڭ جەﻫەتتە دولان راۋابىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.بىراق،قۇرۇلمىسىدا مەلۇم پەرقلەر بار.
قۇمۇل راۋابى راۋاب بېشى ، پەدە قويۇلغان كەڭرەك ئۇزۇن دەستىسى،پەدە قويۇلمايدىغان تارراق قىسقا دەستىسى ۋە قۇلاق ئورنى قاتارلىق تۆت قىسىمدىن ياسىلىدۇ.قۇلاق ئورنى ئۈچ بۇرجەك شەكىلدە بولۇپ،ئالتە دانە قۇلاق بېكىتىلگەن.راۋاب دەستىسىنىڭ يۇقىرىقى قىسمى دولان راۋابىغا ئوخشاش ياسىلىپ پەدە قويۇلمايدۇ.تۆۋەنكى قىسمى كەڭرەك بولۇپ،مىستىن 14 دانە پەدە قويۇلىدۇ.
قۇمۇل راۋابى كۆپىنچە ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ.راۋاب بېشى ياغاچتىن ئىچى ئويۇلۇپ ، سوقىچاق ۋە ياپىلاقراق ﻫەمدە سەل چوڭراق ياسىلىدۇ.سوقىچاق بېشىنىڭ كەڭ دىئامېتىرى 23 سانتېمىتىر،تار دېئامىتىرى 20 سانتېمىتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ.پەدە قويۇلمىغان دەستىسى 15 سانتېمىتىر،پەدە قويۇلغىنى 28 سانتېمىتىر ئەتراپىدا بولۇپ،ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 85 سانتېمىتىر.
قۇمۇل راۋابىنىڭ يۈزلۈكىگە بۇرۇن ئات،ئېشەك تېرىسى كېرىلەتتى ﻫەم ئۈچەيدىن تار ئېشىپ سېلىناتتى.ﻫازىر ئومۇمەن يىلان تېرىسى كېرىلىپ،پولات سىم سېلىنىدىغان بولدى.ئۇنىڭ 13 تال تارى بولۇپ،ئالدىنقى ئالتە تال تارى ئاساسلىق چېلىنىدىغان تار،قالغانلىرى ئەكىس سادا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ.1-،2-تارى بىر جۈپ ﻫالدا <> ئاﻫاڭىغا،3-،4-تارى بىر جۈپ ﻫالدا <> ئاﻫاڭىغا،5 -،6-تارلىرى تومراق بولۇپ،تۆۋەنرەك بولغان <><>ئاﻫاڭلىرىغا تەڭشىلىدۇ.قۇچاقتا يانتۇ قويۇلۇپ،سول قولدا پەدە بېسىلىپ،ئوڭ قولدا زەخمەك بىلەن تار چېكىلىپ چېلىنىدۇ.
قۇمۇل راۋابىنىڭ ئۈستىگە خىلمۇخىل مىللىي پاسوندىكى نەقىشلەر ئويۇلىدۇ.بەزىلىرىگە ﻫەتتا ئۈنچە - ياقۇتلار قويۇلۇپ نەپىس ياسىلىدۇ . بۇ خىل راۋاب شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتى تەۋەسىدە كۆپرەك قوللىنىلغاچقا،<< قۇمۇل راۋابى >> دەپ ئاتالغان.