داپ - سازنىڭ ئەيىبىنى ياپ
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-19
- كۆرۈلۈشى:
- 1694 قىتىم

مۇزىكا تارىخىمىزغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، چالغۇ ئەسۋابلىرىمىزنىڭ مىللىي مۇزىكا مەدەنىيىتىمىزدە مۇﻫىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ﻫېس قىلىمىز.
ئەجدادلىرىمىز ﻫازىرغا قەدەر ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ تۈرى كۆپ، شەكلى ﻫەر خىل بولۇپ، يەللىك چالغۇ ئەسۋاب، چەكمە چالغۇ ئەسۋاب، كامانچىلىق چالغۇ ئەسۋاب، سوقما چالغۇ ئەسۋاب قاتارلىق تۆت چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. داپ قۇياش ئېتىقادچىلىقىنى ئاساس قىلىپ ياسالغان بولۇپ، قۇياشنى ئۇلۇغلاش، قۇياشقا سېغىنىشتەك سىمۋوللۇق مەنەگە ئىگە. داپ سوقما چالغۇ ئەسۋابلار تۈرىدىكى چالغۇ، قول ئالقىنى ۋە بارماقلار بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر مۇزىكىسىدا كەم بولسا بولمايدۇ. داپنىڭ كۈچلۈك - كۈچسىز ئۇدارلىرى ئومۇمىي مۇزىكىنىڭ ئۇدارى ﻫەم رىتىملىرىغا ماس ﻫالدا تەڭكەش قىلىنىپ، پۈتۈن مۇزىكا جەريانىغا قاتناشقان سازلارنىڭ تەرتىپىنى بىرلىككە كەلتۈرەلىگەچكە، <<يېرىم دىرىژور>> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سەنئەتكارلارنىڭ <<داپ سازنىڭ ئەيىبىنى ياپ>> دېگىنى بىكار ئېيتىلغان ئەمەس. شۇڭا مەيلى <<ئون ئىككى مۇقام>> ياكى خەلق ئاﻫاڭلىرى بولسۇن، داپنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر پۈتۈن ئاﻫاڭنىڭ مۇكەممەل ئورۇندىلىنىشى ﻫەيران قالارلىق ئەمەس.
ﻫازىر سەﻫنىلەردە چېلىنىۋاتقان داپ ئەسلىدە يەرلىك ئەلنەغمىلەردە ئىشلىتىلىپ كەلگەن بولۇپ، ﻫەر بىر داپنىڭ بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان گەردىش ئايلانمىسى، گەردىش كەڭلىكى بولاتتى. بىز دەسلەپتە ئىشلەتكەن داپنىڭ گەردىش ئايلانمىسى 45cmبولۇپ، ئېلىپ يۈرۈشكە قولايسىز ﻫەم كېلەڭسىز ئىدى. كېيىنچە داپنىڭ ئاۋاز تۈسىنى ئەسلىدىكىدىنمۇ ياڭراق قىلىش، ئېلىپ يۈرۈشكە قولاي بولۇش ئۈچۈن، ئومۇمىي ئايلانمىسى 38cmقىلىپ لايىﻬەلەندى. بۇنداق داپ مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىشقىلا ماس بولۇپ، ئۇسسۇلغا تازا ماس كەلمىگەچكە، كېيىنچە 38cmلىق داپ يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىنىپ، گەردىش ئايلانمىسى42cmغا توغرىلاندى. بۇنىڭ بىلەن ﻫەم ئۇسسۇللۇق مۇزىكىلارغا ﻫەم خاس مۇزىكىلارغا ماس كېلىدىغان داپ مەيدانغا كەلدى.
گەردىش ئايلانمىسى 42cmلىق داپ ئومۇملاشقاندىن كېيىن، داپ تېرىسىنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يىلان تېرىسى ئىشلىتىلدى. ﻫازىر ئىشلىتىۋاتقان 42cmلىق داپ يۇقىرىقى جەريانلاردىن كېيىن ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۆلچەملىك داپ ﻫېسابلىنىدۇ.