guide
«ئۇيغۇر خەلق سەنەملىرى» نەشردىن چىقتى
يوللانغان ۋاقتى :
11-06
كۆرۈلۈشى:
1081 قىتىم
ئۇيغۇر خەلق سەنەملىرى ناخشا،مۇزىكا،ئۇسسۇل بىر گەۋدىلەشكەن كىچىك تىپتىكى مۇزىكا ژانىرلىرىدىن بىرى.ئۇ قويۇق يەرلىك ئالاﻫىدىلىككە ئېگە بولۇپ،ﻫەر قايسى جايلارنىڭ ئۆزىدە تارقالغان يەرلىك سەنەملىرى بولىدۇ.ﻫەر بىر سەنەم شۇ جاينىڭ نامى بىلەن «قەشقەر سەنىمى»،«ئىلى سەنىمى»،«يەكەن سەنىمى»دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىچىلىقىمىزنىڭ مۇﻫىم تەركىپلىرىدىن بىرى ﻫېساپلانغان «ئۇيغۇر خەلق سەنەملىرى»نىڭ يېقىنقى يىللارغىچە تېخى تولۇق يىغىلغان نۇسخىسى ئېلان قىلىنمىغان.تارقالغان سەنەملەرنىڭ ئومۇمىي سانى قانچىلىك؟ﻫىچكىممۇ بۇنىڭغا جاۋاپ بېرەلمەي كەلگەن.
شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى خەلقىمىز ئارىسىدىن سەنەم ئۆلچىمىگە توشىدىغان   سەنەملەرنى ئىلمىي نۇقتىدىن ئىسپاتلاپ،ﻫازىرغىچە توپلانغان سەنەملەردىن 25 نى تاللاپ پىلاستىنكا قىلىپ ئىشلەپ چىقاردى.
مەزكۈر پىلاستىنكا جەمئى 4 لېنتا،25 سەنەمدىن تەركىپ تاپقان.سەنەملەرنى ئۆلچەملىك  ئۆگىنىش ئۈچۈن ﻫەر بىر سەنەمنىڭ تېكىسلىرى قوشۇپ بېرىلگەن.ناخشىچىلار،مۇزىكىچىلار،ﻫوزۇرلانغۇچىلار،ساقلىغۇچىلار،تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن مۇﻫىم ماتىريال ﻫېساپلىنىدۇ.
لېنتىنىڭ باﻫاسى ئەرزان .ئىچكى باﻫادا 50 يۈئەن. سانى چەكلىك.قىزىققۇچىلارنىڭ ۋاقتىدا ئېلىۋېلىشىنى سورايمىز.
 ئالاقىلىشىش تېلفونى:13899855005