بەرباب
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1044 قىتىم

بەرباب چېلىشنىڭ ئۇسۇلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ياشىغان ئاتاقلىق قەشقەرلىك بەرباب ماﻫىرى پىلولنىڭ ئىسلاﻫ ئارقىسىدا ، ئەسىرلەردىن بۇيانقى يانتۇ تۇتۇپ چېلىنىشتىن تىك تۇتۇپ چېلىنىشقا ، زەخمەك بىلەن چېلىنىشتىن بارماق بىلەن چېكىپ چېلىنىشقا ئۆزگەرتىلگەن . بەرباب دۇب ۋە چىنار ياغىچىدىنياسىلىدۇ . ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 70 ~ 80 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولۇپ ، قۇچاقتا تىك تۇتۇپ سول قولدا پەدە بېسىپ ، ئوڭ بارماقلىرى بىلەن تار چېكىپ چېلىنىدۇ .
بەرباب قەدىمكى زاماندا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ‹‹ خۇپىپا›› دەپ ئاتالغان ﻫەمدە ئۇنىڭ ‹‹ ئەگرى ساپلىق پىپا ›› ۋە ‹‹ بەش تارلىق پىپا ›› دىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكلى بولغان .