سۇناينى ئاسراش
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1131 قىتىم
سۇناينى ئاسرىغاندا ئۇنىڭ يېرىلىپ ۋە بۇزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. سۇناينى ياز كۈنلىرى سىرتتا ئىككى، ئۈچ سائەتلەپ چالغاندا، سۇناينىڭ ياغىچى پۈۋلىگەندە چىققان ئىسسىق ﻫاۋانىڭ ۋە كۈن نۇرى تەسىرىدە ئاسان يېرىلىپ كېتىدۇ. قىش كۈنلىرى سىرتتا چالغاندا، پۈۋلىگەندە چىققان ئىسسىق ﻫاۋا ئېقىمى سۇناي غولىدىن ئۆتۈپ مەلۇم نىسبەتتە سۇغا ئايلىنىدۇ ۋە سىرتقى ﻫاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە توڭلايدۇ. چېلىشنى توختىتىپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، سۇناي غولى يېرىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا، سۇناينى قاپ ياساپ ساقلاش كېرەك. يازنىڭ تومۇز كۈنلىرى ئۈستى ئوچۇق جايلاردا سۇناي چالغاندا، سۇناينىڭ ئىچىگە پات – پات سوغۇق سۇ قويۇپ تۇرۇش كېرەك. بۇنىڭمۇ سۇناينىڭ يېرىلىپ كەتمەسلىكىگە پايدىسى بار. ﻫاڭگى تېرەك ياغىچىدا ياسالغان سۇناي ئاسان يېرىلىپ كەتمەيدۇ. بىراق، بۇنداق سۇناينىڭ ئاۋازى كۆڭۈلدىكىدەك چىقمايدۇ. سۇناي يېرىلىپ كەتسە، يېرىلىپ كەتكەن جايىنىڭ ئىككى تەرىپىنى ۋە ئوتتۇرىنى سۇلياۋ تارا ياكى پەي تارىدا تېڭىش ۋە ياكى تۇچ ۋە مىستىن چەمبەر ياساپ بوغۇش كېرەك.
سۇناي چېلىشتا تازىلىققا ئەﻫمىيەت بېرىش كېرەك. سۇناي چېلىشتىن بۇرۇن ئېغىزنى پاكىز چايقىۋېتىپ چېلىش كېرەك، ئۇنداق قىلمىغاندا، ئېغىزدا قالغان تاماق قالدۇقلىرى سۇناي ئىچىگە كىرىپ، پۈۋلەش يولىنى توسۇۋىلىپ، سۇناينىڭ ئاۋازىغا تەسىر يېتىدۇ. پېپىنى تازىلىغاندا، سەرەڭگە ياغىچى ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن قالايمىقان كولىماسلىق بەلكى كەپتەر پېيى ياكى توخۇ پېيىنى سوپۇن پاراشوكىغا چىلاپ يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن ئىشلىتىش، ئاندىن سوغۇق سۇدا پاكىز چايقىۋېتىش، سۇناي چالغاندا، ئېغىزدىن چىققان ئىسسىق ﻫاۋا بىلەن چاڭ – توزان بىرلىشىپ پەردە تۆشۈكچىلىرىگە يېپىشىۋالىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، تۆشۈكچىلەر كىچىكلەپ كېتىدۇ. شۇڭا، چاڭ – توزانلارنى پاختا رەخت بىلەن تازىلاش، سۇناينى چېلىپ بولۇپ، پىپىنى چىقىرىپ سۇلياۋ ۋە تۆمۈر قۇتىغا ياكى سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ چىڭ يۆگەش، يانچۇققا ياكى سومكىغا سالماسلىق كېرەك. چۈنكى، تۆمۈر قۇتا، سۇلياۋ قۇتا، سولياۋ خالتىلاردا ﻫاۋا ئالمىشىش بىر قەدەر ئاستا بولغاچقا، پېپى كۆكۈرۈپ قالىدۇ ياكى ئېغىزى ئېچىلىپ قالىدۇ. ئېغىزى ئېچىلىپ قالسا پېپىنى پۈۋلەپ ئاۋاز چىقىرىش ئادەتتىكىگە قارىغاندا قىيىن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پىپىنى ياغاچ قۇتىغا سالغان ياخشى. ياغاچ قۇتىدا ﻫاۋا ئالمىشىپ تۇرغاچقا، پېپىنىڭ ئېغىزى ئېچىلىپ قالىدىغان ياكى رەڭگى ئۆزگىرىپ قالىدىغان ئەﻫۋاللار يۈز بەرمەيدۇ.
ئەگەر پېپىنىڭ ئېغىزى ئىتىلىپ قالسا، ئاچىمەن دەپ ئىككى تەرەپتىن مىجىسا، پېپى يېرىلىپ كېتىدۇ، چېلىش توغرا كەلسە ئېغىزى ئىتىلىپ قالغان پېپىنى سۇدا ياكى ئېغىزنىڭ نېمىدا نەملىك ئۆتكۈزۈپ ئېچىش كېرەك.