تاش
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 854 قىتىم

تاش بەزىلەر تەرىپىدىن چاقچۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇ ئىككى جۈپ ياپىلاق ئېلىپىسسىمان تاشتىن ئىبارەت بولۇپ ، ﻫەر بىر قولدا بىر جۈپتىن تۇتۇپ ، بارماقلارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر – بىرىگە سوقۇپ ، تاۋۇش چىقىرىش ئارقىلىق مۇزىكا ئۇدارلىرىغا تەڭكەش قىلىنىپ ، خىلمۇ – خىل رېتىملاردا چېلىنىدۇ . ئۇيغۇر مۇزىكىسىدا تاش ئىشلىتىشمۇ خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمكى ئۇسلۇبلارنىڭ بىرىدۇر . ئېلىپىسسىمان تاشنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 1.5 سانتېمىتىر ، ئۇزۇن دىئامېتىرى 10 سانتېمىتىر ، قىسقا دىئامېتىرى ئالتە سانتېمىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ .
تاش چالغاندا ئۇنىڭ بىرى ئالقاندا قويۇلىدۇ ، يەنە بىرى بارماقلار ئارقىلىق ئالقاننىڭ ئۇچى تەرىپىگە يېرىم قىستۇرۇپ بىر – بىرىگە يېنىك سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق ناﻫايىتى سۈزۈك ، يېقىملىق بولغان رىتىم ئاۋازلىرى چىقىرىلىپ مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىنىدۇ .
