قوشۇق
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 758 قىتىم

قوشۇق ئۇيغۇر مۇزىكىسى ۋە مەشرەپلىرىدە كەڭ قوللىنىپ كېلىنىۋاتقان مۇﻫىم سوقما چالغۇلارنىڭ بىرى . ﻫازىرقى مۇزىكا ئوركېستىرلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان قوشۇقلارنىڭ شەكلىمۇ تاماق قوشۇقلىرىغا ئوخشاش ياسىلىدۇ . ﻫەجمى سەل يوغانراق بولۇپ ، ئۈستىگە خىلمۇخىل نەقىشلەر چۈشۈرۈلۈپ نەپىس ياسىلىدۇ . ﻫەجمى سەل يوغانراق بولۇپ ، ئۈستىگە خىلمۇخىل نەقىشلەر چۈشۈرۈلۈپ نەپىس ئىشلىنىدۇ . ئۇ كۆپرەك ئۆرۈك ، ئالما ، چىلان ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ .
قوشۇق چېلىشتا ، ئوڭ قولدا بىر جۈپ قوشۇقنىڭ سېپى چىڭ تۇتۇلۇپ ، قوشۇقلارنىڭ دۈمبىسى بىر – بىرىگە توغرىلىنىپ ، سول قول ئالقانغا ۋە بەدەننىڭ ﻫەر قايسى جايلىرىغا ( مۈرە ، تىز ۋە باشقا جايلارغا ) ﻫەمدە يەرگە ۋە باشقا جىسىملارغا سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئىككى قوشۇقنىڭ ئارىسدا پەيدا بولىدىغان خىلمۇخىل رېتىملىق ئاۋازلار مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىنىدۇ .
