باس ئىسكىرىپكا ۋە ئۇنىڭ ئوركېستىردىكى رولى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 976 قىتىم
باس ئىسكىرىپكا — تىك تارلىق، تۆت قۇلاقلىق، تۆت تارلىق، يەرگە تىرەپ چېلىنىدىغان خەلقئارالىق چالغۇ بولۇپ، ئۇنى چالغۇچى ئوڭ قولدا كامالچە، سول قولدا پەدە بېسىپ ئورۇندۇقتا يېرىم ئولتۇرۇپ، يەرگە تىرەپ، مۇزىكىنىڭ قائىدىلىرىگە ئالاﻫىدە دىققەت قىلىپ چالىدۇ. كامالچىنى ﻫەرىكەتلەندۈرگەندە، بىلەكنىڭ ﻫەر قايسى بۆلەكلىرى ماسلىشىدۇ، سول قولدا تارىنى بېسىپ، ئوڭ قولدا كامالچە ﻫەرىكەتلەندۈرۈلىدۇ، ئوڭ قولدىكى كامالچە ﻫەرىكىتى سول قولنىڭ ﻫەرىكىتىدىن مۇرەككەپ بولىدۇ. چۈنكى، ئوڭ قول سول قولغا ئوخشاش تارا بىلەن ئۇچرىشىدۇ، كامالچىنى توغرا ﻫەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم بارماقلارنى ئەركىن قويۇپ بېرىش ﻫەم كامالچىنى مۇقىم تۇتۇش كېرەك. باس ئىسكىرىپكا چوڭ – كىچىك ئوركېستىرلاردا كەم بولسا بولمايدۇ، جۈملىدىن مىللىي ئوركېستىرلاردا ئورۇنلىنىدىغان ناخشا – مۇزىكىلارنىڭ بەزى يېقىمسىز تەرەپلىرىنى تۆۋەن ئاۋاز بىلەن ئەتراپتىن ئوراش ئارقىلىق ئۇنى تېخىمۇ يېقىملىق، مۇڭلۇق قىلىشتا مۇﻫىم رول ئوينايدۇ. باس ئىسكىرىپكىنى خەلقئارا ئوركېستىردىمۇ، مىللىي ئوركېستىردىمۇ تەڭكەش قىلغىلى، ﻫەر مىللەتنىڭ ئاﻫاڭلىرىغا بىمالال چالغىلى ﻫەم ئۇنىڭدىن ئۆزىگە خاس مۇڭ، ﻫۇزۇر ئالغىلى بولىدۇ.
باس ئىسكىرىپكا ئىنسانلارنىڭ ئىچكى ﻫېسسىياتىنى، يەنى قايغۇ – ﻫەسرەت، شادلىقلىرىنى ئىپادىلەش رولىغا ئىگە. مەسىلەن: ئۇنىڭ 1 – ، 2 – ئىسترونلىرىدىن چىققان ئاۋاز لىرىك بولۇپ، كىشىلەرگە شادلىق بېغىشلىسا، 3 – ، 4 – ئىسترونلىرىدىن چىققان ئاۋاز مۇڭلۇق ﻫەم قايغۇلۇق بولۇپ، كىشىلەرگە ئېچىنىشلىق تۇيغۇ بېرىدۇ.
باس ئىسكىرىپكىنى ئۆگىنىشكە بەلگىلىك بەدەن ساپاسى ﻫازىرلانغان بولۇشى كېرەك، يەنى بەدىنى ئورۇق، بويى ئېگىزرەك، قول بارماقلىرى ئۇزۇنراق بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ شەرتلەرگە ئۇيغۈن كېلىدىغان ﻫەۋەسكارلار بۇ چالغۇنى ئۆگىنىشكە باپ كېلىدۇ ۋە بۇ كەسىپكە قوبۇل قىلىنىدۇ. باش ئىسكىرىپكا چاڭ، غىجەك، تەمبۇر، راۋاپ، نەي، داپ، سوناي قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلار بىلەن ئورۇنلىنىدىغان مىللىي ئوركېستىرلاردا قۇلاققا قاتتىق ئاڭلىنىدىغان ئاۋازلارنى تۆۋەن ئاۋاز بىلەن ئەتراپتىن ئوراش، ئۈستىدىن بىر قەۋەت يېپىش ئارقىلىق ئاﻫاڭنى يېقىملىق قىلىپ، كىشىلەرگە ﻫۇزۇر بېغىشلىيالايدۇ. مىللىي مۇزىكىلاردىكى قىسمەن ئاجىز نۇقتىلارنى تولۇقلايدۇ، ئاﻫاڭلارنى قېلىپلاشتۇرىدۇ ﻫەم سالماقلاشتۇرىدۇ. ﻫازىر ئىلى رايونىدىكى تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرىدە، دۇتار، تەمبۇر، غىجەك قاتارلىق مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار كۆپرەك تەڭكەش قىلىپ چېلىنىدۇ. بۇ مۇزىكىلار بىلەن ئورۇنلانغان ناخشا – مۇزىكىلاردا بەزىدە نىسبەتەن قاتتىق، چىرقىراق ئاۋازلار چىقىپ ئاڭلىغۇچىلارغا يېقىمسىز ئاڭلىنىدۇ. ئەگەر بۇ خىل مۇزىكىلارغا باس ئىسكىرىپكىغا قوشۇلۇپ ئوركېستىرلاشتۇرۇپ چېلىنسا، يېقىملىق مېلودىيە ﻫاسىل بولىدۇ.